باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئاتا ــ ئانىلار يىغىنىدىن قورقىمەن

(ھېكايە)

پەرھات كازىمى

      باشلانغۇچنىڭ 4 – يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ ئاتا – ئانىلار يىغىنىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر قېتىم ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىلماقچى بولغاندا يالغانچىلىقنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ يالغان ئېيتىمەن. مېنى بۇنداق قىلىشقا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىم مەجبۇرلىغان.

      داداممۇ قىزىق ئادەم. ھەر قېتىم ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ‹‹پىكىر، تەلەپلىرىڭلار بولسا ئېيتىڭلار›› دېسە كۆڭلىدىكىنىڭ ھەممىسىنى قويماي دەيدىكەن. لېكىن، دادام ئىچىنى بوشىتىۋالغىنى بىلەن بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى ماڭا بولىدىكەن. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىم نەدىكى يوقىلاڭ باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئەدىپىمنى بېرىدىكەن. دادامنىڭ دېگەنلىرىغۇ ئورۇنلۇق، بىراق مەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە دېمەي تۇرسا بولاتتىغۇ! بەزىدە بۇ بازاردا باشقا مەكتەپ بولسا يۆتكىلىپ كەتسەم ياكى ‹‹يېرىلىڭ تېشىم›› بولسا ئىچىگە كىرىۋالسام دەپ ئويلاپ كېتىمەن. يا بىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز يۆتكەلمىدى، يا مەن...

      داداممۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ماڭا تەلەپنى ناھايىتى قاتتىق قويىدۇ. بەزى چاغلاردا ‹‹مۇئەللىم ئۇنداق دېمىگەن، بۇنداق دېگەن...›› دېسەم ماڭا ئېرىنمەي چۈشەندۈرىدۇ. دادامنىڭ ئىشىدىن كىچىككىنە خاتالىقنى بايقىۋالسام مېنى ماختاپ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىدۇ. بەزىدە تېخى ئۆينىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلىرىنى ماڭا مەسلىھەت سالىدۇ. بۇ قېتىممۇ چوڭ ئۆيگە كۆچۈش – كۆچمەسلىك مەسىلىسىنى ماڭا مەسلىھەت سالدى. ئاپام:

     — كىچىك بالىغا بۇنداق گەپنى دەپ نېمە قىلىسىز؟ — دېگەنىدى، دادام:

      — بالىمۇ بىز بىلەن بىللە تۇرىدۇ، بىز قانداق ياشىساق ئۇمۇ شۇنداق ياشايدۇ، شۇڭا بالىغا مەسلىھەت سالمىساق زادى بولمايدۇ، — دەپ ئاپامنى قايىل قىلدى. دادامنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ياخشىمۇ ياكى كىتاب – ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرگەچكىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى يۇقىرى چىقىدۇ. شۇڭا، ھەر يىلى دېگۈدەك ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى›› دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەك كۆيۈنىدۇ. قىيىنچىلىقى بارلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ. يېشەلمىگەن مەسىلىلەرنى سورايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆيىمىزگە دائىم تېلېفون قىلىدۇ. دادام مۇھىم ئىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئېرىنمەي ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ. دادام بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ قونىقىنى ئورۇش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەم ئېلىش كۈنىدە مېنى ۋە بىرنەچچە ئوقۇغۇچىسىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ قونىقىنى ئورۇشۇپ بەردى. ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى:

     — ئوغلىمىزنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالايلى دېگەنىدۇق، سىزدەك ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنسە بىزمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز، بوپتۇ ئوقۇسۇن، بىر – ئىككى يىل دېگەن لېۋىمىزنى چىشلىۋەتسەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، — دەپ دادامغا قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتتى.

      يېقىندىن بۇيان سىنىپىمىزدا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزغا بولغان نارازىلىقلار كۈچەيگىلى تۇردى. بەزىدە ئوقۇتقۇچىمىزنى پەقەت دەرس تەييارلىمامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمىز. بىر قېتىم ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئۆتۈپ بولغان دەرسنى يەنە ئۆتكەن ئىدى، ئارسلانجان قول كۆتۈرۈپ:

      — بۇ دەرس ئۆتۈلۈپ بولغان، — دەپ ئەسكەرتتى. مۇئەللىم:

      — ئولتۇرە، سەن بىلگەننى مەن بىلمەيمەنمۇ؟ بۇ مۇھىم دەرس، سىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ قايتا سۆزلەۋاتىمەن، — دېدى. بىراق، شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ چىرايى قىزىرىپ گەپلىرى قولاشماي قالدى. بۇنى دادامغا سۆزلەپ بەرسەم:

      — ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۇنداق چاغدا قول كۆتۈرۈپ يېنىڭلارغا كەلگەندە ئەسكەرتسەڭلار بوپتىكەن، — دېدى.

      ئۆتكەن قېتىم ئىمتىھاندا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز خاتا تەكشۈرۈپ بەش نومۇرىمنى تارتىۋېتىپتۇ. بىرنەچچەيلەن بۇ ئىشنى ئوقۇتقۇچىمىزغا ئىنكاس قىلغانىدۇق، ئۇ ‹‹مېنىڭ توغرا›› دەپ تۇرۇۋالدى. دادام بۇنى ئاڭلاپ:

      — بەش نومۇرنىڭ كارايىتى چاغلىق، بىراق سىلەر شۇ پېتى ئۆگىنىۋالساڭلار بولمايدۇ – دە! ئوقۇتقۇچىڭلار نېمىشقا مېنىڭ توغرا، دەپ تۇرۇۋالىدۇ؟ بۇ دېگەن يولسىزلىق، ئوقۇتقۇچى نۇقسانسىز ئادەم ئەمەس، ئۇ ئۆگەتكۈچى ھەم ئۆگەنگۈچى، — دېدى ھەمدە مېنىڭ توغرىسىنى ئۆگىنىشىمنى ئېيتتى.

      بۇ قېتىم مۇئەللىم يەنە ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يىغىنغا ئاپامنىڭ قاتنىشىشىنى ئۆتۈندۈم. ئاپام سەۋەبىنى سورىغانىدى، مەن بولغان ئىشلارنى دەپ بەردىم. ئاپام بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە:

      — ئۇنداق بولسا سېنى ئۇ سىنىپتىن يۆتكىۋېتەيلى، — دېدى.

      — پاراللېل سىنىپتىن ئىككىسىلا بار، يەنە بىر سىنىپقىمۇ شۇ ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىدۇ،— دېدىممەن.

      — ئەمىسە قانداق قىلارمىز، مۇشۇ داداڭنىڭ ئېغىزىنىزە... ئۆيدە ساڭا توغرا چۈشەندۈرۈپ قويغاندىكىن بولدى ئەمەسمۇ! نېمە قىلىدۇ ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا سۆزلەپ!— دېدى ئاپام.

      — شۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا يىغىنغا سەن بارغىن – ھە!

      — ھەر قېتىمقى يىغىنغا داداڭ بارىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپىڭ داداڭنىڭ مەكتىپىگە يېقىن.

      — ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ دادام ئاغرىپ قالغان بولسىغۇ...

      — ھەي، نېمە دەۋاتىسەن؟ ئۇ سېنىڭ داداڭ جۇمۇ!

      ئاپامنىڭ غەزەپتىن تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ قورقۇپ كەتتىم. بىراق، ئاپام دادامغا نېمىلەرنى دېدىكىن، شۇ قېتىمقى ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا دادام زادىلا گەپ قىلماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا ئاتا – ئانىلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدىن قورقىمەن.

(ئاپتور پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر