باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

قىزىقارلىق مېھمان ئۇزىتىش ئادەتلىرى

       سول قول ئادىتى: ھىندىستان ، بېرما ۋە زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، ئادەتتە، قورۇما ئەكېلىش، نەرسە - كېرەكلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە مېھمان ئۇزىتىش قاتارلىقلاردا سول قولىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. ئەمما، قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانلارنى ساھىبخان سول قولى ئارقىلىق ئۇزىتىپ قويىدىكەن .

      ئاياغ سوۋغا قىلىش ئادىتى: نېپالنىڭ تاغلىق رايونىدىكى مىللەتلەر يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا، ئاۋۋال بىردانە نېپالچە باش كىيىم سوۋغا قىلىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىر جۈپ ئاياغ سوۋغا قىلىدىكەن.ئەرلەرگە قارا رەڭلىك ئاياغ، ئاياللارغا قىزىل رەڭلىك ئاياغ سوۋغا قىلىپ، مېھمانلارنىڭ قايتىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.

      لاي سۈركەش ئادىتى: يېڭى گىۋىنىيە كىشىلىرى مېھمانلارنى ئۇزاتقاندا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، يولدىكى لاينى مېھمانلارنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ قويىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ، ‹‹تۇپراق قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ›› دېگەنلىك بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھمانلارغا بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى بىلدۈرىدىكەن.

      كۈنلۈك يىغىش ئادىتى: تايلاندنىڭ شىمالىي قىسىم يېزىلىرىدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا، مېھمان كەلگەندە كۈنلۈكنى ئېچىپ قارشى ئالىدىغان ئادەت بار ئىكەن. ئەگەر ساھىبخان كۈنلۈكنى يىغىۋالسا، بۇ مېھماننى ئۇزىتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

      ئاق رەڭ ئادىتى: ۋېنگرىيىلىكلەر ناھايىتى مېھماندوست بولۇپ ، ھېچقانداق سوۋغا ئەكەلمىسىڭىزمۇ، سىز ئۇزايدىغان ۋاقىتتا ئۇلار سىزگە بىر ئاق رەڭلىك سوۋغات بېرىپ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر