باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئالتۇن جاۋۇر

      بۇرۇنىسىدا، ئەنگلىيەدە بىر دېھقان تۈرمىگە قامىلىپتۇ. ئەمما ئۇ ئەسكى ئادەم ئەمەسكەن، قىلغان ھېچقانداق يامان ئىشىمۇ يوقكەن. ئۇنىڭ قامىلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب شۇ چاغدا پادىشاھ ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسىگە پۇل چاچقانىكەن. ئۇ دېھقاننىڭ بەرگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى كەلگەنگەندە دېھقان ئۇلارغا:

      — مەندە بىر تىيىنمۇ يوق، كەمبەغەللىكنىڭ دەستىدىن تاماق يېيەلمەي قورساقلىرىم كۆركىراپ كەتتى، — دەپتۇ.

      — سېنى بەك باي دېيىشىدۇ، سەندە بىر ئالتۇن جاۋۇر بار ئىكەن، — دەپتۇ پادىشاھنىڭ ئادەملىرى كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر – بىرلەپ ئاقتۇرۇپتۇ، لېكىن پۇلغا يارىغۇدەك ھېچنەرسە تاپالماپتۇ. شۇڭا، ئۇلار دېھقاننى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قاماپ قويۇپتۇ. ئۇلار دېھقانغا:

      — ئالتۇن جاۋۇرنى تاپشۇرماي تۇرۇپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىمەن دەپ ئويلىما، — دەپتۇ.

      بىچارە دېھقان بەكمۇ قايغۇرۇپتۇ، ئۆزى تۈرمىدە بولغان بىلەن، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىدىن ئەنسىرەپتۇ، چۈنكى ئائىلىسىدە بىرلا خوتۇنىدىن باشقا ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، يەرلىرىنى تېرىيدىغانغا ئادەم يوقكەن.

      بىر كۈنى ئۇ خوتۇنىدىن خەت تاپشۇرۇۋاپتۇ، خەتتە مۇنداق يېزىلغانىكەن:

       — ئەتىياز كېلەي دەپ قالدى، تېرىمچىلىق ئىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

      دېھقان ئىنتايىن مەيۈسلەنگەن ھالدا خەتنى ئوقۇپتۇ – دە ئويلاپتۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ كېيىن ئۇ ئوبدان بىر چارە تېپىپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا يەرلەرنى ئاغدۇرماسلىق توغرىسىدا مۇنداق خەت يېزىپتۇ:

      — مېنىڭ ئالتۇن جاۋۇرۇم ئېتىزغا كۆمۈلگەن، مەن ئوقتۇرۇش قىلماستىن بۇرۇن، ياڭيۇ تېرىماي تۇرۇڭلار.

      دېھقان خەتنى گۇندىپايغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

      — بۇ خەتنى خوتۇنۇمغا بېرىپ قويۇڭ، — دەپتۇ.

      گۇندىپايلارنىڭ جىنايەتچىلەرگە كەلگەن خەتلىرىنى ۋە جىنايەتچىلەردىن چىقىپ تۇرىدىغان خەت – چەكلەرلەرنى بىر – بىرلەپ ئېچىپ كۆرۈشى تۇرغان گەپ. ئۇلار دېھقاننىڭ خوتۇنىنىڭ ئېرىگە يازغان خېتىنى ئوقۇغانىكەن، ئەمدى دېھقاننىڭ خوتۇنىغا يازغان جاۋاب خېتىنى كۆرۈپتۇ – دە، خۇشاللىقىدىن:

      قارىغاندا، بۇ دېھقان راست باي ئىكەن، ئالتۇن جاۋۇرنىڭ ئېتىزغا كۆمۈلگەنلىكىنى ئوچۇق يېزىپتۇ، — دەپ ۋارقىرىشىپتۇ.

      — بىراق ئۇنىڭ قايسى ئېتىزغا كۆمۈلگەنلىكىنى دېمەپتۇ، — دەپتۇ باشقا بىر گۇندىپاي، — بۇ دېھقاننىڭ يېرى شۇنچە كۆپ تۇرسا.

      — چاتاق يوق، — دەپتۇ بىرىنچى گۇندىپاي، — ئۇنىڭ ئالتۇن جاۋۇرنىڭ ئېتىزغا كۆمۈلگەنلىكىنى بىلگەندىكىن بولدى.

      ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، دېھقان خوتۇنىدىن ئىككىنچى پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، خەتتە مۇنداق دېيىلىپتۇ:

      — غەلىتە ئىش بولدى — بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن بەلچە كۆتۈرۈشىۋالغان ئون ئادەم كېلىپ يەرلەرنى جاناپ، پۈتۈنلەي بىر قېتىمدىن ئاغدۇرۇپ چىقىپ ئاندىن كەلگەن يولى بىلەن كېتىپ قالدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇقالمىدىم، ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىرنەرسە ئىزدىگەندەك تۇرىدۇ، قانداق قىلىمىز؟

      دېھقان خەتنى ئوقۇپ بولۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن دەرھال خوتۇنىغا جاۋاب خەت يېزىپتۇ:

      — ئۇ ئادەملەر يېرىمىزنى ئاغدۇرۇپ بېرىپتۇ، ئەمدى ياڭيۇنى تېرىساڭلار بولىدۇ.

 

مەنبە: تەھرىر: مېھراي