باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئەھمىيەتلىك ئەترەت پائالىيىتى

     خەيرىگۈل ئەمەت

     5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى پوسكام ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلارغا قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيەسى بېرىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىناق كوللېكتىپ بەرپا قىلىش مەقسىتىدە 5 – يىللىق 8 – سىنىپ پىيونېرلار ئوتتۇرا ئەترىتىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ‹‹ئوچۇق سوت›› ئېچىلىپ سوتقا ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتتىكى پىيونېرلار ۋەكىللىرى قاتناشتى. تۆۋەندە پائالىيەتنىڭ كونكېرىت ئەھۋالىغا نەزەر سالايلى:

      پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن پىيونېرلاردىن تەيىنلەنگەن ‹‹ئاقلىغۇچى››، ‹‹ئەيىبلىگۈچى›› ۋە ‹‹باش سوتچى››لار ئۆز جايىدىن ئورۇن ئالدى. ‹‹سوت›› باشلانغاندىن كېيىن قۇرامىغا يەتمىگەن ‹‹دەۋاگەر››لار (ئىككى پىيونېر) ئېلىپ كىرىلدى. ئەسلىدە ‹‹دەۋاگەر›› A بىلەن B ئىلگىرى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ ئۇلار زىدىيەتنى قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلماي بىر – بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەنىدى. بۇ قېتىم كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ كونا زىددىيىتى ئۇلغىيىپ قاتتىق ئۇرۇشۇپ بىر – بىرىنى يارىلاندۇردى. رىياسەتچى يۇقىرىقى دىلونىڭ جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن ‹‹ئاقلىغۇچى›› ۋە ‹‹ئەيىبلىگۈچى ئادۋوكات››لار دەلىل – ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى. كەسكىن ئەيىبلەش ۋە ئاقلاش ئارقىلىق ‹‹دەۋاگەر›› Aنىڭ قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش قىلمىشى ئەيىبلىنىپ ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا بېرىلدى.

      سوت يېپىلغاندىن كېيىن سوتقا قاتناشقان پىيونېرلار تەسىراتىنى سۆزلىدى. 6 – يىللىق 5 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شىرئېلى مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ئىلگىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا جازا بېرىلمەيدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇ سوتنى كۆرگەندىن كېيىن قانۇن ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ دۆلەتنىڭ قانۇن – ئىنتىزاملىرىغا تېخىمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن››.

سۈرەتتە: ‹‹سوت››تىن كۆرۈنۈش.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر