باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئېسىل خىسلەتلىك ئۆسمۈر

 ئېلى ئابلىز

      ساۋاقداشلار، گېزىتخانىمىز باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 7 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان ئوسماننىڭ 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مەھەللىسدىن 9000 يۈەن نەق پۇل تېپىۋېلىپ مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، رەھبەرلىكنىڭ كۆڭۈل قويۇپ سۈرۈشتە قىلىشى بىلەن پۇل ئىگىسى دېھقان مامۇت ئاكىغا قايتۇرۇلغانلىقىدەك ياخشى ئىش ئىزى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالدى. ھەر يىلى «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتقان ئۆمەرجان ئوسماننىڭ ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىقتەك ئېسىل پەزىلىتى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

      گېزىتخانىمىز بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسراش، ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقىنى چېچىشتا ياخشى ئۈلگىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر