باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشى كېرەك

     ياۋ پېيمىڭ

      بىز دائىم تېلېۋىزوردا قويۇلۇۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىدا بىر قىسىم رىياسەتچىلەرنىڭ زوڭزىيىپ ياكى سەھنىدە ئولتۇرۇپ كىچىك ئارتىس ياكى كىچىك تاماشىبىنلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى، ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بالىلار رىياسەتچىنىڭ يېتەكلىشىدە ئويۇننى ياخشى ئورۇنلاپ پروگراممىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن مەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە ئۆزىنى ناھايىتى ئۈستۈن تۇتۇپ بۇيرۇق قىلىپ، بېسىم چۈشۈرۈپ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقىنى، قارىماققا بۇنداق سىنىپلار ناھايىتى تىنچ كۆرۈنسىمۇ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنداق بولسا بىز نېمە ئۈچۈن ‹‹زوڭزىيىپ›› سىناپ باقمايمىز؟

      بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ‹‹زوڭزىيىش›› پۇتنى ئىگىپ ئولتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئېگىزلىكىنى تۆۋەنلىتىش بولماستىن بەلكى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ چىن قەلبى ۋە ھېسسىياتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ دېموگېراتىك، باراۋەر شەكىلدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، سۆھبەتلىشىشكە قارىتىلغان.

      1. زوڭزايغاندا ھەقىقىي كۆرگىلى بولىدۇ

      بىز ھەمىشە ئۆرە تۇرغاندا ئولتۇرغاندىن يىراقنى ئەتراپلىق كۆرەلەيمىز دەپ قارايمىز. سىنىپ مەسئۇللىرى مۇنبەردە تۇرۇپ سىنىپقا نەزەر سالسا سىنىپنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ناۋادا ئۆرە تۇرغان ھالەتتە كۆرگەن سىنىپ ئەھۋالىنى سىنىپ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىۋالغاندا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم:

      بىر يەكشەنبە كۈنى بىر ياش ئانا ئالتە ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بازارغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ ئانا قىزىغا توختىماي ماگىزىن، بىنالارنى، گۈل – گىياھلارنى تونۇشتۇرۇپتۇ. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئانا زور ئۈمىد بىلەن قىزىدىن قانداق تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىز ئاپىسىنىڭ دېگەن گەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى، ئاپىسى تونۇشتۇرغان نەرسىلەرنى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپمۇ كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ياش ئانا ھەيران قاپتۇ، ھەم ئەندىشە قىلىپتۇ ھەم قورقۇپتۇ، ئۇ دەرھال زوڭزىيىپ يۈزىنى قىزىنىڭ يۈزىگە يېقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرۈنگىنى ئۇياق – بۇياققا كېتىپ بارغان ئۇزۇن – قىسقا، ئىنچىكە – توم پۇتلار بوپتۇ. بۇ ئانا شۇ ھامان ھەممىنى چۈشىنىپتۇ.

      بۇ ھېكايىدىن مەن سىنىپ مەسئۇلىنىڭ خىزمىتىنىڭمۇ بەزىدە ‹‹زوڭزىيىش››قا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەسىلەن، بىر قىسىم سىنىپلاردا سىنىپ ھەيئەتلىرى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قارارى بويىچە بېكىتىلىدۇ، كىم ۋېلسىپىت تىزىدۇ، كىم سىنىپ تازىلايدۇ، كىم ئەخلەت تۆكىدۇ، كىم سىنىپنىڭ كىچىك قىرائەتخانىسىنى باشقۇرىدۇ دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنسى، كۈچى، خاراكتېرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم، كېيىن بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچى ۋېلسىپىت تىزىشنى تەلەپ قىلدى، مەن قوشۇلدۇم. بۇ قىزلارنى ‹‹سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلى››دە ئۇلارنىڭ ۋېلسىپىتنى ئوغۇللاردىن ياخشى تىزىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇ چاغدىلا مەن ‹‹ئورۇن›› بەلگىلەپ بېرىشىمنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيلىچە بولغان – بولمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. قايتا – قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى››نى تۈزگەندە ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ دېگىنىچە بېكىتمەي ‹‹رايىنى سىناش جەدۋىلى›› تارقىتىپ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى ئىگىلەپ ئاندىن قارار چىقاردىم.

      2. زوڭزىيىپ ئاڭلىغاندا يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

      ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋەت ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بولۇپلا قالماي ئۆزئارا ھۆرمەت، ئۆزئارا ئىشىنىش، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشتۇر. سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆھبەتلىشىشى ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرەكنىڭ كۆڭۈللۈك ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۇچرىشىش داۋامىدا ھېسسىياتنىڭ ئالمىشىشى، ماسلىشىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ناۋادا ئوقۇتقۇچى ‹‹تەربىيە بەرگۈچى››لىك ئورنىدا تۇرۇپ مەن سۆزلەي، سەن ئاڭلا، مەن سوراي سەن جاۋاب بەر، دېگەندەك پوزىتسىيەدە بولسا سۆھبەتلىشىش تەنبىھ بېرىشكە ئۆزگىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ.

      سىنىپىمدا گۇ فامىلىلىك بىر قىز بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر مەزگىل روھىي چۈشكۈنلىشىپ، قاپىقى ئېچىلمىدى. سەۋەبىنى سورىسام بېشىنى چايقاپ ‹‹ھېچ ئىش يوق›› دەپ دېگىلى ئۇنىمىدى. مەن ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان سىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى تېپىش مەقسىتىدە كۆپ قېتىم يېقىنلاشتىم. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن مەن بىلەن بىللە بازارغا چىقىپ ئوقۇش قورالى ئېلىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. ئۇ قوشۇلدى. يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا:

      — شياۋ گۇ، سىزگە چوقۇم بىر ئىش بولدى، ماڭا دەپ بېرىشنى خالامسىز، چوقۇم سىر ساقلايمەن، — دېدىم.

      ئۇ سەمىمى ئىپادەمگە قاراپ، خۇددى دوستىغا دەرت تۆككەندەك كۆڭلىدىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئەسلىدە، يېڭى ئوقۇش باشلانغاندا ئۇ ‹‹ئوقۇش ياردەم پۇلى›› ئىلتىماس قىلغانىكەن، بۇنىڭدىن ئۇ ھەم خۇشال بوپتۇ ھەم ئەندىشە قىپتۇ. خۇشال بولغىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ ئەندىشە قىلغىنى ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىنى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېغىزىغا ئېلىپ يۈرىشىدىن ئەنسىرەش ئىكەن. ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھازىر كەمبەغەل ۋە باي بولۇش پەقەت ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي ھادىسە، كەمبەغەللىك يۈزى چۈشۈپ كەتكەنلىك ئەمەس، كەمبەغەل بولۇپ ئىرادىسىنى يوقىتىش ھەقىقىي يۈزنى تۆككەنلىك بولىدۇ، دېگەنلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردىم. يەنە كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىككى ئاچام بىلەن بىر تال چوكا مۇزنى تالىشىپ يېگەنلىك توغرىسىدىكى ھېكايەمنى سۆزلەپ بەرسەم ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. كېيىن ئۇ خاتىرجەملىك بىلەن ھۆكۈمەت ۋە ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدى. ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ياخشىلىقنى قايتۇرىدىغان بولدى.

      3. زوڭزىيىپ تەنقىدلىگەندە ياخشى تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

      ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىشى تىلغا ئېلىنسا كۆز ئالدىمىزغا ھەمىشە ئوقۇتقۇچىنىڭ بىگىز بارمىقىنى ئوقۇغۇچىغا قارىتىپ يۇقىرى ئاۋازدا تەنبىھ بېرىۋاتقانلىقى، ھەتتا تىللاۋاتقانلىقى، ئوقۇغۇچىنىڭ خۇددى يېڭىلىپ قالغان خورازدەك بېشىنى ساڭگىلىتىپ يەرگە قاراپ تۇرغانلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق تەنقىدلەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەنى قوبۇل قىلغۇزۇش تەنقىدلەشنىڭ مەقسىتىدۇر. ‹‹زوڭزىيىپ تەنقىدلەش›› ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئوقۇتقۇچى ھەم ئۇستاز ھەم دوستتەك بولۇپ، ئۆزىنى ئوقۇغۇچى ئورنىدا قويۇپ مەسىلىنى ئويلىشىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە تۈزىتىش ئۇسۇلىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىشى لازىم.

      بىر كۈنى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ساۋاقدىشىنىڭ تاپشۇرۇقىنى راسا كۆچۈرۈۋاتقاندا ئوقۇتقۇچى بايقاپ قېلىپ ئىشخانىغا چاقىرىپ تەربىيە بېرىۋاتسا ھېلىقى ئوقۇغۇچى: ‹‹تاپشۇرۇق كۆچۈرۈدىغانلاردىن پەقەت مەنلا ئەمەس، تەلىيىم يوق ئىكەن، مېنى كۆرۈپ قالدىڭىز›› دەپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىمىگىنى، يەنە كېلىپ خاتاسىنى ئۈستىگە ئالمىغىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئەمما، بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلى تاپشۇرۇق دەپتىرىنى باشتىن ئىككى قېتىم كۆرۈپ چىقىشىنى ئېيتىپتۇ، ئاندىن:

      — قاراڭ، سىزنىڭ يېڭى مەۋسۇمدىكى تۇنجى ئىشلەنگەن تاپشۇرۇقىڭىز نېمە دېگە ن رەتلىك، توغرا ئىشلىگەن، شۇڭا ئېنگلىز تىلى مۇئەللىمى ‹‹ئەلا›› دەپ باھا يېزىپتۇ، — دەپتۇ.

بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى تەنقىدلىمىگىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنى سەل ئازادە تۇتۇپتۇ. ئوقۇتقۇچى سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ:

      — مەن ھەر كۈنى سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىمەن، سىزنىڭ ھەربىر كۈننى يېڭى مەۋسۇمنىڭ تۇنجى كۈنىدەك كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈن ئىشلىگەن تاپشۇرۇقىڭىزغا مەن قانداق باھا سۆزى يازسام بولار؟ — دەپتۇ.

      بۇ ئوقۇغۇچى قالايمىقان يېزىلغان تاپشۇرۇق دەپتىرىگە قارىۋېتىپ بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ. ئوقۇتقۇچى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:

      — يېڭى مەۋسۇمدا تاپشۇرۇقنى شۇنچە رەتلىك يېزىپسىز، بۇ سىزنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئالغا ئىلگىرىلەش ئويىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سىز نېمە ئۈچۈن داۋاملاشتۇرالمىدىڭىز؟ ئۈمىد خۇددى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى پەقەت لاۋۇلدىتىشقا بولىدۇ، ئۆچۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، — دەپتۇ.

      بۇ ئوقۇغۇچى خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ، خۇشال ھالدا سىنىپقا قايتىپ تاپشۇرۇقىنى تولۇقلاپ يېزىپتۇ.

      بۇ ئىشتىن مەن شۇنداق ئويغا كەلدىمكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشى بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. ناۋادا بىز ئوغرى تۇتقاندەك ئوقۇغۇچىلارغا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خاتالىقىنى تونۇتساق، ھەتتا ئاتا – ئانىلارنى چاقىرتساق ئىشنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ناچارلاشتۇرۇپ قويىمىز. بەزىدە ئوقۇتقۇچىلار زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇلايىم ھالدا سۆھبەتلەشسە ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھەرگىزمۇ ‹‹بۇندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزمەيمەن›› دېگەن ساختا گەپنى ئاڭلىمايدۇ.

      سۇخوملىنىسكىي: ‹‹ھەقىقىي تەربىيە تەربىيە بەرگۈچىلەرنىڭ ساپاسىدىن باشلىنىدۇ›› دېگەن. زوڭزىيىش بىرخىل ھالەت ھەم بىرخىل پوزىتسىيە، شۇنداقلا ساپا. مائارىپ مىنىستىرلىكى تارقاتقان: ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى›› دە مۇنداق تەلەپ قىلىنىدۇ: ‹‹سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى، پىسخىكىسى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ھالىتىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش لازىم. بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ ئۇلارغا باراۋەر قاراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش. كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، قاراتمىلىق ھالدا ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم››. مېنىڭچە بۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. زوڭزىيىش ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك، ئورۇن ئالمىشىپ ئانالىز قىلغانلىق، تېخىمۇ دېمۇكراتىك، تېخىمۇ ئىناق بولغان تەربىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلغانلىق، ئۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. زوڭزىيىش ‹‹ئوقۇتقۇچىلىق غۇرۇرىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىك بولمايدۇ››، زوڭزايغاندىلا ئوقۇغۇچىغا گىگانىت گەۋدىمىزنى قالدۇرالايمىز!

قىستۇرما سۈرەتنى ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر