باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ياپونىيە يەر شارىدىن ئەڭ يىراق سامانيولى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تاپتى

      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رەسەتخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تەتقىقات ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ ئۈكەر يۇلتۇز تېلېسكوپى ئارقىلىق، يەرشارىدىن ئەڭ يىراق 12 مىليارد 910 مىليون نۇر يىلى سىرتىدىكى سامانيولىنى كۆزىتىپ، يەنە 400 مىڭ نۇر يىلى سىرتىدىكى يېڭى سامانيولىنى تاپقانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ يىراق سامان يولى رىكورتىنى بۇزۇلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئاسترونوم ژۇرنىلىدا ماقالە قىلىپ ئېلان قىلىنماقچى.

      12 مىليارد 900 مىليون نۇر يىلى سىرتىدىكى سامانيولىنى كۆزىتىش: 13 مىليارد 700 مىليون يىل ئاۋۋالقى ئالەمدىكى چوڭ پارتلاش، 8 يىل كېيىنكى ئالەم مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىر مەزگىلدە، بەزى يېڭى شەكىللەنگەن يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە سامانيولى بىنەپشە نۇرلۇق ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ، ھىدروگىن ئاتومى بۇ ئېنېرگىيە بىلەن ئۇچراشقاندا ئېلېكترون چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئالەمنىڭ سۈبھىسى دېيىلىدۇ، بۇنىڭ ئالىملارنىڭ ئالەمنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شۇنداقلا سامانيولىنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشىنىشىگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان