باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر قايسى قىسىملاردىن تۈزۈلگەن

      كومپيۇتېر ئاساسەن ساقلىغۇچ، ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

      ‹‹ساقلىغۇچ›› كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ، ھەرخىل پروگرامما، سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش نەتىجىسى قاتارلىق كومپيۇتېرغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ. ‹‹ھېسابلىغۇچ››نىڭ رولى ھېسابلاشتۇر. ‹‹كونتروللىغۇچ›› بولسا كىشىلەر كىرگۈزگەن پروگرامما بۇيرۇقىغا ئاساسەن، كومپيۇتېردىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، كونترول قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن ئولىدۇ.

      ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ نەچچە مىليون مىكرو ئېلېكترونلۇق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دانە كىچىك كرېمنىي پارچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئۆزەك ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، شۇنداقلا كومپيۇتېرنىڭ ‹‹چوڭ مېڭىسى››.

      كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسى قاتارلىق ‹‹كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى›› سانلىق مەلۇمەت ۋە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزەلەيدۇ، بۇ خۇددى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى چوڭ مېڭىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەنگە ئوخشاش؛ پرىنتېر، ئېكران قاتارلىق ‹‹چىقىرىش ئۈسكۈنلىرى›› ھېسابلاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇلار مېڭىمىزدىكى تەپەككۇرنى ئاغزىمىز ئارقىلىق سۆزلىگەنگە، قىلىمىز ئارقىلىق يازغانغا ئوخشىشىدۇ. كىرگۈزۈش، چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئادەتتە كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىنىڭ سىرتىغا ئورنىتىلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېرنىڭ سرتقى ئۈسكۈنىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان