باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا

      سۇ چېچەكسۇ چېچەك ۋىرۇسىدىن بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، سۇ چېچەك ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېتلانغاچقا ئىككىنچى قېتىم قوزغىلىشى ئىنتايى ئاز كۆرۈلىدۇ. سۇ چېچەكنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بەك كۈچلۈك، ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بىر يىلنىڭ تۆتىلا پەسلىدە يۇقىدۇ. كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئازراق قىزىيدۇ، بىر قىسىملار ئوتتۇراھال قىزىيدۇ، چۈشكۈرىدۇ، ماڭقىسى ئاقىدۇ، يۆتىلىدۇ، بەدىنى ئارامسىزلىنىدۇ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ، بىر، ئىككى كۈندىن كېيىن تاشما چىقىدۇ، تاشما ئاساسەن يۈز قىسمى ۋە گەۋدىدە كۆرۈلىدۇ، پۇت – قولدا ئاز بولىدۇ. دەسلەپتە دۆڭچە ئەسۋە، داغلىق ئەسۋەدىن باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۇچۇققا ئۆزگىرىدۇ، ئۇچۇق سۇ تامچىسىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسى قىزىل بولىدۇ ۋە قىچىشىدۇ، بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۆتكەندىن كېيىن سۇ چېچەك قۇرۇپ، تارىيىپ قاقاچ بولىدۇ. تاشما تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ چىقىدۇ، ئادەتتە داغلىق ئەسۋە، دۆڭچە ئەسۋە، ئۇچۇق، قاقاچ قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. قاقاچ چۈشۈپ كەتكەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۇس تاتۇق بولىدۇ. بىر كۈندىن كېيىن تاتۇق ئىزى قالمايدۇ، بىراق سۇ چېچەك بەك قىچىشقاچقا، بىمار بەك بىئارام بولۇپ تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىپ، قايتا يۇقۇملاندۇرىدۇ، سۇ چېچەك يىرىڭ چېچەككە ئۆزگىرىپ، قىزىل دائىرىسى كېڭىيىدۇ، كېسەل تېرە يۈزىدىن ئۆتۈپ قاقاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تاتۇق بولىدۇ. سۇ چېچەكتىن تاتۇق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق قىلىش كېرەك:

      بىرىنچى، تېرىنى پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، باكتېرىيە بىلەن قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

      ئىككىنچى، تېرە قىچىشسا فلور فېنىرامىن ھەم مۇۋاپىق مىقداردا ئوسما يىلتىزى ئىستېمال قىلىش ھەمدە بىر، ئىككى پىرسەنتلىك گېنتئان ۋىئولېت سۈرۈش لازىم.

      ئۈچىنچى، بالىنىڭ قولىنى پاكىز يۇيۇش، تىرنىقىنى ئېلىۋېتىش ۋە كېچىدە قولىنى ئوراپ قويۇپ، چىچەكنى تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

      تۆتىنچى، ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىپ ھۆكۈنەك توقۇلما ياللۇغى ۋە سېپتىتسېمىيە بولسا، ۋاقتىدا كېسەلگە قارشى دورا بىلەن داۋالاش لازىم.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان