باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار توك چىقىرالايدىغان سۈنئىي ھۈجەيرىنى كەشىپ قىلدى

     

     

      ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار توك چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھۈجەيرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھەلەپ چىققان، بۇنى كەلگۈسىدە ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلگەن مىكرو تىپلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئۇنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارى توكلۇق يىلان بېلىقنىڭ توك چىقىرىدىغان ھۈجەيرىسىگە قارىغاندا %28 ئارتۇق، خىمىيەلىك ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ %38 يۇقىرى ئىكەن. كەلگۈسىدە كىشىلەر سۈنئىي ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى نېپىز مىكرو باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ھەم بۇ باتارېيەنى ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلگەن مىكرو قۇرۇلمىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشى مۇمكىن. سۈنئىي ھۈجەيرىلەردىن قۇراشتۇرۇلغان بىيولوگىيەلىك باتارېيە ئادەم بەدىنىدىكى باشقا ھەر قانداق ھۈجەيرىگە ئوخشاش، ئۈنۈمىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە زىيانلىق ماددا قالدۇرمايدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان