باش بەت | مەكتەپلەر

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

     

      تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، قۇرۇلۇش تارىخى ئېتىبارى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدىغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، 1926 – يىلى ‹‹ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە ئىنستىتۇتى›› دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

      ئاتاتۈركنىڭ ‹‹غازى››لىق ئۇنۋانىغا بېغىشلىنىپ 1926 - يىلى قۇرۇلغان بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئىسمى؛ 1929 - يىلى ‹‹غازى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپى ۋە تەلىم - تەربىيە ئىنستىتۇتى››غا ئۆزگەرتىلگەن بولسا، 1976 - يىلى ‹‹غازى تەلىم - تەربىيە ئىنستىتۇتى››غا ئۆزگەرتىلدى. 1935 - يىلى قۇرۇلغان ئەنقەرە ئالىي تېخنىكومى ۋە ئەنقەرە قىزلار تېخنىكومى قاتارلىق مەكتەپلەر ھەمدە ئەنقەرە ئىقتىسادىي ۋە سودا پەنلىرى ئاكادېمىيىسى قاتارلىقلار «غازى ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. تۈركىيە خەلقى، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردىمۇ تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى قانات يايدۇردى. دېمەك، بۇ خىل تەرەققىياتلاردا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاشلا باشقا تۈرك ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىمۇ چوڭ رول ئوينىدى.

      2009 - يىلىغا كەلگەندە، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، بەش ئالىي تېخنىكوم، توققۇز كەسپىي مەكتەپ، 35 تەتقىقات مەركىزى ۋە بەش ئىنستىتۇت بارلىققا كەلدى. غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق يەنە مېدىتسىنا، پېداگوگىكا، دورىگەرلىك، ئېغىز بوشلۇقى، ئىنژېنېرلىق، مېمارچىلىق، ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش، خەۋەرلىشىش، تىل – ئەدەبىيات، قانۇنشۇناسلىق، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق ھەر قايسى فاكۇلتېتلارمۇ تۈركىيە مائارىپىغا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ۋە چەتئەلدىن كەلگەن 1500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن 2009 - يىلى ئەڭ كۆپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2009 - يىلى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، جەمئىي 5000 دىن كۆپرەك ماگىستىرلار بىلەن دوكتورلارنى يىتىشتۈرۈۋاتقان ئالىي مائارىپ ئورگىنى ‹‹غازى ئۇنىۋېرسىتېتى››نىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىسى بار.

      ھازىرقى كۈندە، تۈركىيىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇلۇغ داھىي مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش يولىدا توختىماي ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرمەكتە. ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن سىرت غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، پېداگوگىكا فاكۇلتېتى جەھەتتىن تۈركىيىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىدۇر. غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق سانائەت، غازى مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سودا - سانائەت ۋە ساياھەت قاتارلىق فاكۇلتېتلارمۇ بار.

      غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدىتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى، دورىگەرلىك، ئىنژېنېرلىق - مېمارچىلىق فاكۇلتېتلىرىدىن تەنتەربىيە ۋە مۇزىكا بۆلۈملىرىگىچە نۇرغۇنلىغان فاكۇلتېت ۋە ئالىي تېخنىكومى بار بولغان ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىدۇر. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدۇر. تەتقىقاتچى، ئىلىم - پەن ۋە ئىنسانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئىلمى تەتقىقات تورى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زامانىۋى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتۇر. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنقەرە شەھىرىنىڭ بەشئەۋلەر، ئەمەك، گۆلباشى ۋە مالتەپە قاتارلىق رايونلىرىدىكى تۆت ئوقۇتۇش بىناسىدا خىزمەت بەرمەكتە.

      غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر سۈپىتىدە زامانىۋى ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە ھەمدە ھەر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان بىر بىلىم مەركىزىدۇر. تۈرك سەنئەت مۇزىكىسى، تۈركشۇناسلىق، تەبىئىي ھايات مۇئەسسەسى، شاھمات كۇلۇبى، ناخشا - ئۇسۇل ۋە فوتو - سۈرەت كۇلۇبى، ئالەم قاتنىشى كۇلۇبى، فولكلور گۇرۇپپىسى، تارىخ تەتقىقات گۇرۇپپىسى، پەن - تېخنىكا گۇرۇپپىسى، تىياتىر ئۆمىكى ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئېچىلغان كۇلۇب قاتارلىقلاردا، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. كىنوخانىلاردىن تارتىپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەنتەربىيە تۈرلىرىگىچە ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، فىزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىدۇر.

      تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۈركچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ‹‹تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى›› غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئائىتتۇر. تۈركىيە سىرتىدىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ۋە تۈركچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركىزى ئارقىلىق تۈرك مەدەنىيىتىگە ۋە تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلماقتا. غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزلۈكسىز مائارىپ مەركىزىدە يىڭنە بىلەن داۋالاش ۋە سىياسەت كۇرسى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلىك پروگراممىلىرىدىن سىرت، تېببىي پەنلەردىن سودا كەسىپلىرىگىچە بولغان تۈرلۈك پەنلەر ھەمدە ناتىقلىق، ھۆسنخەت قاتارلىق ھەر خىل كۇرسلار ئېچىلدى. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە مەركىزى بولسا، ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان شارائىتلارغا ئىگە.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان