باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئوغلۇم، مەن ۋە بالىلىق

    سادىر راخمان

      ئىشتىن چۈشۈپ ئادىتىم بويىچە ئوغلۇمنى ئالغىلى مەكتەپكە باردىم. ئوغلۇم يۈگۈرۈپ چىقىپ سومكىسىنى ماڭا بېرىپلا:

      – دادا، تېز بول، تاكسى توسۇپ ئۆيگە قايتايلى! – دېدى.

      – نېمىگە ئالدىرايسەن؟ – دېدىم ھەيران بولۇپ.

      – ساۋاقدىشىمدىن يېڭى چىققان كارتون فىلىمنىڭ پىلاستىنكىسىنى ئارىيەتكە ئالغانىدىم. بۈگۈن كۆرۈپ تۈگىتىۋەتمىسەم بولمايدۇ، – دېدى ئۇ ئالدىراپ. ئۇنىڭ جېدەل قىلىشى بىلەن پىيادە ئون مىنۇتتا بارىدىغان ئۆيىمىزگە تاكسىدا كەلدۇق. مەھەللىگە كەلسەك بىر توپ بالىلار قىقاس – چوقان سېلىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ.

      – بالام، ئەتە دەم ئېلىش بولغاندىكىن ئاۋۇ بالىلار بىلەن بىردەم ئوينىغىنا، – دېدىم.

      – فىلىم كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىۋاتسام ئوينا دەيسەنغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇلار بىلەن بەك تونۇشۇپ كەتمەيمەن، – دېدى ئۇ خاپا بولۇپ.

      – ئۇلارنى قانداقسىگە تونۇمايسەن؟ ئاۋۇ ئېگىز بالا 2 – قەۋەتتىكى مەمەت ئاكىنىڭ ئوغلى، ئاۋۇ قىز 3 – قەۋەتتىكى ئالىم ئاكىنىڭ قىزى، ئىليار ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ ...

      سۆزۈم تۈگىمەيلا بالام ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. بالىلىق دەۋرىمدىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ چاغلاردا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە بەش – ئالتىمىز بىللە قايتاتتۇق. يول بويى قىزىق ئويۇنلارنى ئويناپ ماڭاتتۇق. كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا توپلىشىپ ياردەم بېرەتتۇق. ئەينى يىللىرى يۇرتىمىزدا كونا سېپىل، سۇ مۇنارىدىن باشقا ئېگىزرەك قۇرۇلۇشمۇ يوق ئىدى. مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە جايلاشقان تۇرسۇننىڭ ھويلىسىدىكى ئۈجمىگە چىقساقلا ئەتراپ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولاتتى.

      يازلىق تەتىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېڭى ئويۇن ئويناش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتۇق.

      – ‹‹ھەربىي››، ‹‹دۈشمەن›› بولۇپ ئوينايلى، – دېدى تۇرسۇن، – مەن ‹‹ھەربىي››، سەن ‹‹دۈشمەن››بول.

      – ياق، مەن ‹‹ھەربىي›› بولىمەن...

      تالاش – تارتىش قىلىشىپ ئاخىر تۇرسۇن ‹‹دۈشمەن››، مەن ‹‹ھەربىي›› بولدۇم. بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدۇق. قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ قۇم دۆۋىسىدىن ‹‹دى داۋ››(يەر ئاستى يولى) ياسىدۇق. ئەڭ ئېگىز قۇم دۆۋىسىنى ‹‹پالۋانتۇر›› دەپ ئاتىدۇق. جەڭ باشلاندى. بويۇمنىڭ پاكار بولۇشىغا قارىماي جەڭگە قوماندانلىق قىلىپ: ‹‹نىشان ئالدىمىزدىكى پالۋانتۇر، قايسى گۇرۇپپا تېز يېتىپ بارالىسا يەڭگەن بولىدۇ، ئالغا!›› دەپ بۇيرۇق بەردىم. ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئەزىمەتلەر قىقاس – چوقان كۆتۈرۈشۈپ دۆڭلۈككە ئاتلاندۇق. ھەممەيلەن ئۆزىمىز ياسىۋالغان ياغاچ تاپانچا، چالما گىرانات قاتارلىقلار بىلەن قوراللانغان ئىدۇق. ‹‹دۈشمەن›› گۇرۇپپىسىدىكى بەزىلەر تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ ‹‹تات ... تات›› دەپ ياغاچ تاپانچىسىدىن ‹‹ئوق›› ئۈزسە، يەنە بەزىلىرى ‹‹گۇمباڭ›› دەپ گىرانات تاشلايتتى.

      – ئۆلدۈڭ، ساڭا ئوق تەگدى!

      – ياق، مەن ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغان تۇرسام!

      – مەن ئاتقان گىرانات يېنىڭغا چۈشكەن تۇرسا يېتىۋالمىساڭ پارچىسى تەگمەمدۇ؟

      كەسكىن جەڭ داۋامىدا گۇرۇپپامدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ‹‹ئۆلۈپ›› گۈزەلئايلا قالدى. يېڭىلىپ قېلىش ئېھتىمالىمىز چوڭ ئىدى. مەن قولۇمدىكى ياغاچ قىلىچنى كۆتۈرۈپ ‹‹ئالغا!›› دەپ جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم. نەچچە قېتىم دۈم چۈشتۈم. تېرىلىرىم سۈرۈلۈپ، كۆزۈمگە قۇم كىرىپ كەتتى. ئەمما، ‹‹پالۋانتۇر››نى ئىگىلەش ئۈچۈن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىدىم. چوققىغا چىقىپلا قولۇمدىكى قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: ‹‹پاۋانتۇر بىزنىڭ، تەسلىم بولۇڭلار!›› دەپ ۋارقىرىدىم. ھاياجاندىن قولۇمدىكى قىلىچنى قۇمغا سانچىيمەن دەپ پۇتۇمغا سانچىۋالدىم. پۇتۇم يارىلانغان بولسىمۇ غەلىبە خۇشاللىقىدىن بىرقانچە كۈنگىچە ئېغىزىم يۇمۇلماي قالدى. شۇ ئىشتىن كېيىن چوڭلار مېنى كۆرسىلا ‹‹قىلىچنى دۈشمىنىگە سانچىماي ئۆزىگە سانچىغان پالۋان›› دەپ قويىدىغان بولدى.

      تاتلىق ئەسلىمىلىرىم قوينىدىن سۇغىرىلىپ ئوغلۇمغا نەزەر سالدىم. ئۇ كارتون بىلەن بالىلىقىنى بېزىمەكچى بولغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن فىلىم كۆرۈۋاتاتتى.

(ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي