باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

رىقابەتچىسىگە خېرىدار تونۇشتۇرۇش

      كومپيۇتېر سەپلىمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر دۇكانغا كىردىم. دۇكاندار ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىكى سەپلىمىنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى، بىراق مېنىڭ ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى دۇكانغا كىرىپ بېقىشىمنى ئېيتتى.

      ئادەتتە دۇكاندارلار ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىكى ماللارنى سېتىلىپ بولدى دېمەستىن، بەلكى ‹‹بىرئاز ساقلاڭ، مەن ئىسكىلاتقا بېرىپ ئەكېلەي›› دەپ قويۇپلا باشقا دۇكانلارغا كىرىپ بىرنى ئارىيەت ئېلىپ خېرىدارلارغا سېتىپ بېرەتتى، بۇنداق بولغاندا ئۇلارمۇ پايدا ئالالايتتى. بەزى دۇكاندارلار بولسا خېرىدارلارنى ئەتراپتىكى مۇناسىۋىتى ياخشى دۇكانغا باشلاپ بېرىپ، خېرىدارغا بولۇشۇپ، باھا تالىشىپ بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، خېرىدارلار ئۇ دۇكاندىن نەرسە سېتىۋېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، دۇكانداردىن ‹‹خېرىدار تونۇشتۇرۇش ھەققى›› ئالاتتى.

      غەلىتە تۇيۇلغىنى شۇكى، ئۇ ماڭا پەقەت يېنىدىكى دۇكاننى كۆرسىتىپلا قويدى. مەنمۇ ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە شۇ دۇكانغا بېرىپ ئۆزۈمگە كېرەكلىك نەرسىنى سېتىۋالدىم. بۇنداق ‹‹ياخشى ئىش قىلىپ نامىنى قالدۇرمايدىغان›› ئىش مېنى ھەيران قالدۇردى.

      بىر قېتىم مەن دەسلەپ كىرگەن دۇكاننىڭ خوجايىنى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: ‹‹بىز ئىككى دۇكاندىكىلەر بىر مەزگىل رىقابەتلىشىپمۇ باقتۇق، نەتىجىدە ئىككىلا دۇكاندىكىلەر زىيان تارتىپ، خېرىدار پايدا ئالدى. چۈنكى، خېرىدارلار ئىككى دۇكان ئارىسىدا قاتىراپ، قايسى دۇكاندىكى مالنىڭ باھاسى ئەرزان بولسا، شۇ دۇكاندىكى مالنى سېتىۋالىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنداق بولغاندا، سودا بارغانسېرى كاساتلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، كېيىن بىز مەسلىھەتلىشىپ دۇكانلىرىمىزغا كىرگۈزىدىغان ماللارنىڭ تۈرى بىلەن يولىنى ئايرىۋالدۇق، بۇنداق بولغاندا ئارىمىزدا رىقابەت مۇناسىۋىتى بولمايدىكەن. بىزمۇ ناھايىتى كۆپ مەبلىغىمىزنى تېجەپ قېلىپ، كۆپ توردىكى ماللارنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدىكەنمىز...›› دېدى.

      ھېكمەت: سودىدا رىقابەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە، توغرا رىقابەت ئۇسۇلى سودىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سودىدىكى رەقىبىنى دوست ئورنىدا كۆرۈپ، توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىش تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر