باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاتا – ئانىلار بالا تەربىيەلەشتە تەمكىن بولغىنى تۈزۈك

       يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاتا –ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسىگە ئىشەنگەچكە، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىدىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق غەيرىي ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بالىلاردا بىزارلىق پىسخىكىسى، ئۇقۇشتىن زېرىكىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ.

      دەۋر يېڭىلاندى، شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ئىلگىرىكى كونا ئۇسۇل بىلەن بالا تەربىيەلىسە، بالىلارنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ. ئۆگىنىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرگەندىلا بالىلارنىڭ ئوقۇش ئاكتىپلىقى، تەشەبۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئۇلاردا توغرا ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بالىلاردا ھەر تەرەپلىمە قىزىقىش ۋە ھەۋەس يېتىلدۈرۈش، بېرىلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، بالىلانى جەمئىيەت ۋە تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

      نوپۇس كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ مائارىپنى چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن. بالىلارغا نىسبەتەن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشتىنمۇ مۇھىم.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر