باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹پاتما قوزۇق›› ئويۇنى

      ‹‹پاتما قوزۇق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان، بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن كەچ كۈز ياكى قىش پەسللىرىدە قىز ـ ئوغۇللار مۇۋاپىق مەيدانلاردا ئوينايدۇ. ھەر مەيدان ئويۇنغا 8 ـــ 10 بالا قاتنىشىدۇ.

 

     بالىلار بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال شۇ كۈنلۈك ئويۇن رىياسەتچىسىنى تەيىنلەيدۇ، ئاندىن باش ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچىنى توقماق قىلىپ چىگىپ تەقلىۋالىدۇ. ئويۇن رەسمىي باشلىنىش ئالدىدا رىياسەتچى بايىقى ياغلىقىنى خالىغان بىر بالىغا تۇتقۇزىدۇ ۋە ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان بالىلارغا مېۋە ــ چېۋىلەرنىڭ نامى بىلەن ‹‹ئويۇن ئىسمى›› قويۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئۆرۈك، ئالما، ئەنجۈر، ئانار، ياڭاق، دېگەنگە ئوخشاش. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئىسمىنى پۇختا بىلىۋالغاندىن كېيىن، چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئالدىغا ئېڭىشكىنچە زوڭ ئولتۇرىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئويۇن رىياسەتچىسى چەمبەر سىرتىدا ياغلىق تۇتۇپ تۇرغان بالىغا ئويۇننى باشلاش ھەققىدە ئىشارەت قىلىدۇ. ئويۇن باشلىغان بالا ياغلىقنى ساڭگىلىتىپ يۈگۈرۈپ چەمبەر سىرتىنى ئايلانغاچ، رىياسەتچىنىڭ مەلۇم بىر بالىنىڭ ‹‹ئويۇن ئىسمى››نى ئاتىشىنى كۈتىدۇ. رىياسەتچى خالىغان بالىنىڭ ‹‹ئويۇن ئىسمى››نى ئاتىغان ھامان، ياغلىق تۇتۇپ چەمبەر سىرتىدا چۆرگىلەۋاتقان بالا ياغلىقنى ئالدىغا ئېڭىشىپ ئولتۇرغان بالىلار ئارىسىدىكى ‹‹ئويۇن ئىسمى›› ئاتالغان بالىنىڭ ئارقىسىغا چاندۇرماستىن تاشلاپ قويىدۇ. شەرت شۇكى، رىياسەتچى كەينىگە ياغلىق تاشلانغان بالىنىڭ چىرايىغا قاراپ سالماسلىقى كېرەك. ياغلىق ‹‹ئويۇن ئىسمى›› ئاتالغان بالىنىڭ دەل ئارقىسىغا قويۇلغان بولسا، ياغلىق قويغۇچى بىلەن ‹‹ئويۇن ئىسمى›› ئاتالغۇچى ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر ياغلىق باشقا بالىلارنىڭ ئارقىسىغا قويۇلۇپ قالسا، چەمبەر ئايلىنىش يەنىلا ياغلىقنى خاتا قويغان بالىغا قېلىۋېرىدۇ.

      گەرچە بۇ ئويۇن ‹‹ياغلىق تاشلاش›› ئويۇنىغا ئىشلىتىش جەھەتتىن ئاز ـ تولا ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن بىر پۈتۈن شەكىل ۋە مەزمۇن نۇقتىسىدىن پەرقلىنىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۆزى بىلمەيدىغان بەزى مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ ئىسمىنى بىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئەستە تۇتۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي