باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

لەڭمەن

 

 

     

 بۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ مىللەتلىرىنىڭ بىر خىل ئاساسلىق تامىقى، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇن تامىقى. لەڭمەن ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئۇنغا ئازراق تۇز سېلىپ، خېمىر يۇمشاقراق يۇغۇرۇلىدۇ. ئوبدان چەيلىگەندىن كېيىن يېرىم سائەتچە تىندۇرۇلىدۇ. ئۆيدە لەڭمەن ئەتكەندە تەييارلانغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە ياغ سۈرتۈلۈپ، پىلتە قىلىنىپ، لېگەنگە يۇمىلاق قىلىپ تىزىلىدۇ ياكى ئاشتاختا ئۈستىگە تۈز تىزىلىپ، ئۈستىگە ھۆل لاتا يپىپ قويۇلىدۇ. قازان قاينىغاندا، خېمىر بىر ئۇچىدىن ئىنچىكە قىلىپ تارتىلىپ، ئاشتاختىغا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇلۇپ، سىلكىنىپ، چۆپ تازا ئىنچىكە سوزۇلغاندا ئاندىن قازانغا سېلىنىدۇ ۋە سۇ قايناپ چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. ئاشپۇزۇل، رېستۇرانلارنىڭ ئۇستا ئاشپەزلىرى بىر قېتىمدا بىر نەچچە كىلوگرام خېمىرنى ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ، ھاۋادا بىر نەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇپ ۋە بۇ ھەرىكەتنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاپلا بىر نەچچە يۈز تال چاچتەك ئىنچىكە چۆپكە ئايلاندۇرىدۇ ۋە بىر قېتىمدىلا ئون نەچچە ئادەمگە يەتكۈدەك ئاش چىقىرالايدۇ. لەڭمەن چۆپىگە مەززىلىك قىلىپ قورۇلغان قورۇما قوشۇپ يېيىلىدۇ، كىشىلەر كۆپىنچە لەڭمەننى ياغدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۆشلۈك قورۇما، قىزىل مۇچ قوشۇپ قورۇلغان، يېسىۋېلەپ قوشۇپ قورۇلغان گۆشلۈك قورۇما ياكى مۇچ، پېدىگەن، قورۇما پۇرچىقى، شوخلا، پىياز، سامساق قوشۇپ قورۇلغان قورۇما ياكى سۇلۇق گۆشلۈك قورۇما بىلەن قوشۇپ يەيدۇ. پەسىلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، قورۇمىلارنىڭ تۈرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. لەڭمەن يېيىشلىك، كىشىلەرگە دەرمان بېغىشلايدىغان تاماق.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر