باش بەت | سەيلىگاھلار

داۋاكۆلدىكى مىڭ يىللىق ‹‹سۆگەت پادىشاھى››ساياھەتچىلەرنى ئۇزىگە جەلپ قىلدى

 

     

 ماي بايرىمى ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىنىڭ ئالدى – كەينىدە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزا بازىرى يول بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ‹‹سۆگەت پادىشاھى›› ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

‹‹سۆگەت پادىشاھى››نىڭ ئەسلى نامى‹‹تىرىك مازار››بولۇپ، 90 – يىللاردىن بۇيان، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەندى.

 

 

      شۇ يەردىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، مىڭ يىللار ئىلگىرى بايئاۋات يېزا بازىرى يولىدىن بىر ئەۋلىيا ئۆتكەنمىش، ئەۋلىيا دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، قولىدىكى ھاسىسىنى ئۇ يەرگە سانچىپ قويۇپ، شۇ يەردە ئارام ئالغانمىش. شۇندىن بۇيان، ئۇ كۆكلەپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەرەخ بولۇپ شەكىللەنگەنكەن ھەمدە بۇ رىۋايەتلەر يىراق – يېقىنغا كەڭ تارقىلىپ، شۇ يەرلىك كىشلەر تەرىپىدىن ئەزىزلىنىپ ، ‹‹تىرىك مازار›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ھەمدە كىشلەر ئارىسىدا ‹‹بۇ سۆگەتنى تاۋاپ قىلىپ، بىر قېتىم سىلىسا بىر يىللىق ئۆمرى ئۇزۇرايدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تارقالغان. ھازىر بۇ سۆگەتنىڭ ئىگىلىگەن دائىرىسى 3 مو ئەتراپىدا. 2000 – يىللاردىن بۇيان، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ قۇم مەنزىرىسى، توغراق مەنزىرىسى، دۋا كۆل سەيلىگاھى قاتارلىق ساياھەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بۇ جاي ‹‹سۆگەت پادىشاھى›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، ساياھەت جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.

 

ئابدۇقەييۇم تۇرسۇن تەييارلىغان.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر