باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنىشتىكى مۇۋاپىق يېشى قايسى

       تۆت ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان دەۋر بالىلارغا نىسبەتەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، جەمئىيەتكە ماسلىشىشتىكى تۈرلۈك ئىقتىدارى ئۆسىدىغان مۇھىم باسقۇچ. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى كومپيۇتېر ئۆگىنىپ، ‹‹كىچىكىدىن باشلاپ زامانىۋى ئادەم بولۇش›› قا مەجبۇرلىسا، ئۇلارنى بەك بالدۇر ‹‹سوغۇق›› ماشىنا بىلەن سۆزلىشىشكە، ئۇنى بىلىشكە قىستىسا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپيۇتېر دەرىجىسى ئۆسۈپ تۇرىدىغان مەھسۇلاتلارغا تەۋە بولۇپ، ئىككى، ئۈچ يىلدا بىر تىپى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەش — يەتتە يىلدا بىر قېتىملىق يېڭى بۆسۈش بولىدۇ. شۇڭا، كىچىك بالىلار كومپيۇتېر ئۆگەنسە، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئوقۇشىغا نىسبەتەن پايدىسىنىڭ بەك زور بولۇشى ناتايىن.

      بالىلار بەشىنچى، ئالتىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىدا كومپيۇتېر ئۆگەنسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا بالىلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىم توپلانغان، ئۆزىگە خاس مىجەز – خاراكتېر ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئۆگەنسە زور زېھنىي كۈچمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىكى تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئېچىشقا ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ.

 

مەنبە: بالىلار ساغلاملىق دەستۇرىدىن ئېلىندى تەھرىر: قەلبىنۇر