باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

پىداكار باغۋەن

روشەنگۈل ئىمىن

      مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ھەققىدىكى ئوتلۇق بايانلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ، قەلب ئاسمىنىمىزدا يۇلتۇزلاردەك نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. مانا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاڭلىق ئاۋاز قوشۇپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلەۋاتقان باغۋەنلەر ئاز ئەمەس.

      غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كەسىپداش بولغىلى ئەمدىلا ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كەسىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى روھىمنى زىلزىلىگە سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدېئاللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي تەسىر كۆرسەتكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ قايىللىقىغا ئېرىشىپ ئوقۇش – ئوقۇتۇشتا باشلامچى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئۈلگىنى زىيارەت قىلماقچى بولدۇم.

      — ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئەمەلىيەتتە سىزگە دەپ بەرگۈدەك ئۇنچە كۆپ ئىشلارمۇ يوق، — دېدى ئۇ مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن كەمتەرلىك بىلەن.

      — مەن بۇ مەكتەپكە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ سىزنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىنمۇ كۆپ تەرىپىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئالدى بىلەن سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، — دېدىممەن.

      — مەن 1983 – يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. مەيلى يېزىدا ئىشلىگەن چاغلىرىم بولسۇن، مەيلى ھازىرقى مەكتىپىمدە (غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ) ئىشلىگەن چاغلىرىمدا بولسۇن سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى زېرىكمەي ئىشلەپ كەلدىم. 1999 – يىلى 9 – ئايدا خىزمىتىمنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن غۇلجا ناھىيەلىك ئۈچئون خۇيزۇ يېزىلىق مەكتەپنىڭ 53 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار، سىنىپ مەسئۇلى 14 قېتىم ئالمىشىپ بولغان بىر سىنىپىغا سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. بۇلار تولۇق 3 – يىللىق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ سىنىپ مەسئۇلى تولا ئالمىشىشى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلاردا توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، تاپشۇرۇق ئىشىلىمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تاكاللىشىشتەك مەسىلىلەر خېلىلا ئېغىر ئىدى. مەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ۋالىبول ئويناش، سىردىشىشتىن باشلىدىم. بۇ جەرياندا ئۇلار بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى، جېدەللىشىش ۋە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش سەۋەبىدىن دەرسلەردە يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىدەك نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ھېس قىلدىم، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىلھام بېرىشكە، چۈشىنىشكە، تەربىيەگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتىم.

      ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىسەم دېگەندەك بەزى ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، تولا جېدەل قىلىشلىرى بالىلارنىڭ روھىيىتىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنىكەن. مەن بۇ خىل ئەھۋالنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلە سۆھبىتىدىن باشلىدىم. ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ نورمال دەرس ۋاقىتلىرىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھەر مەۋسۇمدا 60 – 50 قېتىمغا يېقىن ئائىلە سۆھبىتىگە باردىم. زېرىكمەي، ئۈزلۈكسىز سۆھبەتلىشىش بىكارغا كەتمىدى، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشتىن رايى يانغان، ئائىلىسى ۋە مەكتەپتە كۈنبويى غەمكىن يۈرىدىغان بالىلارمۇ ئېغىر بېسىمدىن قۇتۇلۇپ شوخ، ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان بالىلارغا ئايلاندى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ناھىيە بويىچە 1 – بولۇپ مەن يېتەكلىگەن سىنىپتىن 33 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئالىي تېخنىكوم كۇرسلىرىغا ئۆتتى.

      2003 – يىلى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدىم، ھەمدە شۇ يىلى تولۇقسىز 2 – يىللىق سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي پائالىيەت قىلالمايدىغان، پەقەت ئىمتىھانلارغىلا تاقابىل تۇرالايدىغان كىتاب خالتىسى قىلىپ تەربىيەلەش توغرا ئەمەس. مەن شۇ يىلى يەنە مەكتەپنىڭ قوللىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى بورتالا شەھىرىگە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئاپاردىم ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىم. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ناھىيە بازىرى ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىز – ئېرىق ئەمگىكى قىلىپ باقمىغاچقا قوللىرى قاناپ يىغلاپ كېتىشتى. شۇ جەرياندا ئۇلارغا يىل بويى دېگۈدەك دېھقانلارنىڭ مۇشۇنداق جاپا – مۇشەققەت تارتىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كىيىۋالغان چىرايلىق كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ مۇشۇ پاختىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ دېھقانلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىدىم، ئۇلاردا ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى ئويغاتتىم.

      يېڭى ئىش ئورنۇمدىمۇ ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي بوشاشتۇرمىدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئۇلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئارائۆستەڭ، مازار، قاش يېزىلىرىدىكى مەكتەپكە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئائىلىلەرگىمۇ نەچچە قېتىم سۆھبەتكە باردىم. بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار: ‹‹ناھىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىزنىڭ مۇشۇنداق يىراق سەھرادىكى ئۆيلىرىمىزگىمۇ سۆھبەتكە كېلىدىكەن – ھە!›› دەپ مىننەتدار بولۇشتى.

      ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنىنى بالىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ئېچىش ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشنى، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ماختاشنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەرتەرەپتىن ئورتاق كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىشنى ئاساس قىلىپ ئاچتىم. نەتىجىدە بالىلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان بىرقىسىم ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرى ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرىدىغان بولدى. بەزى ئاتا – ئانىلار: ‹‹بۇرۇن ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنى دېسە يەنە تەنقىد ئاڭلايدىغان بولدۇق، دەپ ئويلاپ بىزار بولاتتۇق. بۇ قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق. بىز بالىلىرىمىزنى ئادىمىيلىك ئېڭىغا، ئۆزىنى ئۆزى تونۇش ئېڭىغا ئىگە قىلىدىغان مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ كۆپرەك ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› دېيىشتى.

      — ئاڭلىسام ئاتا – ئانىلارنى دەرس ئاڭلاشقا تەكلىپ قىپسىز، بۇنى قانداقسىگە ئويلاپ قالدىڭىز؟

      — بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلاردىن مەلۇم نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىش. ئاتا – ئانىلار بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلار بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ بالىلىرى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە مول چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايدۇ. مەن بۇ ئوقۇش يىلىدا دەرس ئاڭلاش، خاتىرە قالدۇرۇش، ئاتا – ئانىلار ۋە بالىلار ئارا زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللىدىم. ئاتا – ئانىلارنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بەش قېتىم جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ جەمئىيەت، ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ھەققىدە مول چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدىم. ھەر يىلى قىشتا ئالدىن بېيىغان ئاتا – ئانىلارنى نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم، نەق پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدىم. 2011 – يىلى 12 – ئايدا سىنىپىمدىكى 53 نەپەر ئوقۇغۇچىنىمۇ بۇ پائالىيەتكە تەشكىللىدىم، ئۇلار 780 يۈەن نەق پۇل، 200 يۈرۈش ھەرخىل قىشلىق كىيىم – كېچەك ئىئانە قىلدى.

      مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ھەر يىلى سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭچە سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ باقمىغان ئوقۇتقۇچى بۇ خىزمەتنىڭ جاپالىقلىقى ھەم شەرەپلىكلىكىنى تولۇق ھېس قىلالمايدۇ. بۇ مۇساپە ماڭا بەك كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى. ئۆزۈمنىڭ 29 يىللىق سىنىپ مەسئۇلىلىق ھاياتىمنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم.

      — ئاڭلىسام سىز بەش يېشىڭىزدىلا ساۋاتىڭىزنى چىقىرىپ ئون ياشتا شىئېر، ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇرۇپتىكەنسىز. بۇ جەھەتتە سۆزلەپ بېرەمسىز؟ — دېدىممەن.

      — بۇنى مېنىڭ ئائىلە مۇھىتىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دادام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق كەسپىنى ئوقۇغان. چولۇقاي، مازار يېزىلىرىدا كاتىپ، تەرجىمانلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. مەنمۇ ئەينى چاغلاردا دادامغا ئەگىشپ تىل – يېزىققا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بەش يېشىمدىلا ساۋاتىمنى چىقارغان. ئاپام ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىنچە ئاپامنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر››، ‹‹يېرىلىڭ تاشىم››... قاتارلىق چۆچەكلەرنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. بۇلار مېنىڭ سەبىي قەلبىمگە سىڭىپ كىرىپ بالىلىق ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىغا چىققاندا ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىگە مۇشتەرى بولدۇم. بۇ گېزىت مېنىڭ يېزىقچىلىققا تەلپۈنۈپ تۇرغان قەلبىمنى پاللىدە يورۇتۇۋەتتى. مەن ئەينى چاغدا گېزىتتىكى بالىلار يازغان خەۋەر، ماقالىلەرنى قېتىرقىنىپ كۆرۈپ شۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئەسەر يېزىشقا باشلىدىم. 1981 – يىلى 2 – ئايدا ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتگە بېسىلغان ‹‹قاتتىق تەسرىلەندىم›› ناملىق خەۋىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى مەندەك بىر سەھرا بالىسىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ئەسىرىم ئېلان قىلىنغان گېزىتنى كۆتۈرگىنىمچە ھاسىراپ – ھۈمۈدەپ ئاپامنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ‹‹يارايسەن ئوغلۇم!›› دېدى ئاپام پېشانەمگە سۆيۈپ. ئاپامنىڭ شۇ قېتىملىق سۆيۈشى ماڭا ئالەمچە ئىلھام، ئىشەنچ بەخش ئەتتى. شۇ چاغلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ يۈرىكىم ھاياجاندىن دۈپۈلدەيدۇ. دېمەك، ئاشۇ قىزغىن، ئېسىل ئائىلە مۇھىتى مەندە يېزىقچىلىققا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقنى قوزغىغانىدى.

      — سىز يەنە مۇخبىرلىق، يېزىقچىلىق ھەم ئوقۇغۇچىلارنى بۇ جەھەتتە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەڭلا ئېلىپ بېرىۋېتىپسىز، بۇ جەھەتتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

      — مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر – مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ پۈتۈن ناھىيەدىكى 170تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە زىيارەتكە باردىم ھەمدە مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇللىرى، مۇنەۋۋەر ئەترەت تەربىيەچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئەترەتلەر، ئىلغار پىيونېرلارنى زىيارەت قىلىپ تېمىسى ئاكتىۋىئال، مەزمۇنى ئۆزگىچە، شەكلى ھەرخىل ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى››، ‹‹ئىلى گېزىتى››، ‹‹ئىلى خەلق رادىيو ئىستانسىسى››... قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىلمىي ماقالە، ھېكايە، خەۋەر، شىئېر قاتارلىق ژانېرلاردىن بولۇپ جەمئىي 1500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدۇردۇم. ئۆزۈم يېزىقچىلىققا ئالاھىدە قىزىققاچقا ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يېزىقچىلىق ساھەسىدە ئايرىم يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماقالىلىرى مەكتەپ ۋە ناھىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجە ھەمدە 1 – ، 2 –، 3 – دەرىجىلەرگە ئېرىشتى. 2005 –، 2006 – يىللىرى يېتەكلىگەن سىنىپىم ئوبلاست بويىچە ‹‹ئىلغار سىنپ كوللېكتىپى›› بولۇپ باھالاندى. 2008 – يىلى مەن يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلار ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان گېزىت بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2 – ، 3 – دەرىجىگە، مەكتىپىمىز كوللېكتىپى ‹‹مۇنەۋۋەر تەشكىللەش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2010 – ، 2011 – يىللىرى 40 نەپەر ئوقۇغۇچۇم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ماڭا تەسىر قىلغان بىر ئىش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى›› تېمىسىدىكى نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىدە 1 –، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

      ‹‹ئىشلىگەن چىشلەيدۇ›› دېگەندەك ئابدۇكېرىم مۇئەللىم ئەجرىگە يارىشا خېلى كۆپ شان – شەرەپلەرگە نائىل بولدى. كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇ ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى، ‹‹شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى›› ئىدارىسى، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئىدارىسى، ‹‹ئىلى مائارىپى›› تەھرىراتى، ئىلى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن تەكلىپلىك مۇخبىرلىققا تەكلىپ قىلىندى. 1998 – يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ تەقدىرلەندى. كۆپ قېتىم مەكتەپ، ناھىيە، ئوبلاست تەرىپىدىن ‹‹ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹ئىلى گېزىتى›› ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ئىلغار تەكلىپلىك مۇخبىر›› قاتارلىق ناملار بىلەن مۇكاپاتلاندى. 2007 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ساپا مائارىپى ھەققىدە›› ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونۇم رايون بويىچە 1 – دەرىجىگە ئېرىشتى.

      مەن ئابدۇكېرىم مۇئەللىمنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ كەسىپكە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى ئوتتەك بېغىشلاش روھى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ بوغۇنلارنى تەربىيەلەش يولىدىكى ھەسەل ھەرىسىدەك تىنىمسىز روھىنى، بۇ يوللاردا قالدۇرغان يارقىن، ئۆچمەس ئىزلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. كۈرەشچان يىللار داۋامىدا چېنىققان، مول تەجرىبىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە قايىللىق، سۆيۈنۈش ھېسسىياتىم بىلەن ئىزگۈ تىلەكلەرنى تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر