باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ئادەمنى يېزىش ماھارىتى

       3 - ئىچكى قىياپەتنى يېزىش ماھارىتى

      بۇ شەخسلەر ئىچكى ھالەت ئۆزگىرىشلىرىنى يەنى، ئوي – خىيال، ئارزۇ – تەلەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپەتلىرى بىر – بىرىگە ئوخشاپ كەتمىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىياپەتلىرىمۇ بىر – بىرىگە تۈپتىن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، شەخسلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ئالامەتلەرنى، ئۆزگىرىشلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

      ئۇنداقتا، ئىچكى ھالەتنى زادى قانداق ۋاقىتتا يېزىش كېرەك؟

ماقالىلەردە مۇنداق بىرقانچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئىچكى ھالەتنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.

      1. شەخسلەر زىددىيەتكە يولۇققاندا يېزىلىدۇ

شەخس بىلەن شەخس ئوتتۇرىدا زىددىيەت پەيدا بولغان ياكى شەخستە شەيئىگە نىسبەتەن زىددىيەتلىك كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالغاندا، ئىچكى ھالەتنى، ئىچكى ئۆزگىرىشلەرنى يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

      مەسىلەن، مېھرىنىسا ياقۇپنىڭ ‹‹ياردەم›› ناملىق تاپشۇرۇق ماقالىسىدە ئىچكى ھالەت مۇنداق يېزىلغان:

      مەن قايتا ئويلاندىم، ئىمتىھاندا زۇلپىنۇرغا قەغىزىمنى كۆرسەتمىگىنىم توغرا بوپتۇ. ئەمما، ئۇ ئىمتىھاندىن كېيىن ماڭا قېيدىدى، دومسايدى. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشى ئېنىق ئەمەسكەن. مەن ئاداۋەت ساقلىماستىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىم كېرەك. ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىم كېرەك...

مانا بۇ ئىچكى ھالەت ئۆزگىرىشلىرى دەل شەخس زىددىيەتكە يولۇققاندا يېزىلىپ، ئۇنىڭ زىددىيەتنى ھەل قىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

      2. مەلۇم شارائىت تۈپەيلى شەخسنىڭ ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندا يېزىلىدۇ

      مەسىلەن، ‹‹ياردەم›› دېگەن ماقالىدە يەنە مۇنداق ئىچكى ھالەت يېزىلغان:

      سىنىپىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە زۇلپىنۇر مەن بىلەن ياخشىلىشىپ قېلىشقا ئورۇندى. ئۇ ئاۋۋال مېنى ئۇسسۇلغا تارتتى. كېيىن بىر چاڭگال گازىرنى كۆتۈرۈپ كەلدى – دە، ئالدىمدىكى پارتا ئۈستىگە تۆكتى ۋە پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ئۆز ئورنىغا كەتتى. مەن ئاستا – ئاستا خىيالغا پاتتىم. بۇ ھەرىكەتلەر زۇلپىنۇرنىڭ ئۆز سەۋەنلىكىنى تونۇغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ مېنى كەچۈرمىسە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا يېقىنلاشمايتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشۇم كېرەك...

      ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان كۆپ ئىچكى ھالەت تەسۋىرى ئارقىلىق شەخسنىڭ ھېسسىياتىدا يۈز بەرگەن يېڭى يۈزلىنىشلەر ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

       3. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەندە يېزىلىدۇ

      مەسىلەن، قەيۇمجان ئابلىزنىڭ ‹‹مەن ئۈچتە ياخشى بولدۇم›› ناملىق تاپشۇرۇق ماقالىسىدە ئىچكى كەچۈرمىشلەر مۇنداق يېزىلغان:

      مەن قولۇمدىكى ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› لىق شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئويغا پاتتىم. ‹‹مېنىڭ بۇ قېتىم ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولالىشىمدا سادىق مۇئەللىمنىڭ زور تۆھپىسى بار، مېنىڭ نەتىجىلىرىم ئەمەلىيەتتە سادىق مۇئەللىمگە مەنسۈپ. ئۇ ماڭا ئۆز پەرزەنتىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈندى، ھەتتا كەچلىرى ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ماڭا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى. ئېھ، ئۇستازىم! سىز مەندەك ئوتتۇرىھال ئورۇندىكى ئوقۇغۇچىڭىزنى يېتەكلەپ، ئەلا ئورۇنغا ئۆتكۈزدىڭىز، سىزگە بولغان رەھمەت تەشەككۈرلىرىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايدىغان ئوخشايمەن، مەن بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش يىلىدا يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلىرىم بىلەن سىزنى خۇشال قىلىمەن››.

      مانا بۇ روھىي ھالەت تەسۋىرى ئارقىلىق ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بولۇپ تەقدىرلىنىشنىڭ سەۋەبى ھەم ‹‹مەن›› نىڭ ئۇستازىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەپ بېرىلگەن.

       4. كەلگۈسىنى ئويلىغاندا يېزىلىدۇ

      مەسىلەن، مۇختەرجان ئاۋۇتنىڭ ‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم›› ناملىق ماقالىسىدە ئىچكى ھالەت مۇنداق يېزىلغان:

      بۈگۈن مەكتىپىمىزدە ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سەنئەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سەھنىدە ‹‹باتۇر جەڭچى بولىمەن›› دېگەن ناخشا ياڭرىغاندا قەلبىم لەرزىگە كېلىپ، ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم ۋە روھلانغان ھالدا خىيالغان پاتتىم: ‹‹يەنە ئون يىللاردىن كېيىن مەن چوڭ بولۇپ، باتۇر بىر جەڭچىگە ئايلىنىمەن. ئۇ چاغدا يارىشىملىق ھەربىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، ئاپتوماتىمنى مەھكەم تۇتۇپ، ۋەتەننى قوغدايمەن. قارىغا ئېلىشنى ھارماي – تالماي مەشىق قىلىپ، نىشانغا دەل تەگكۈزمىگىچە توختاپ قالمايمەن. ئېھ، ئەھمىيەتلىك كۈنلەر! شۇ كۈنلەر تېزرەك كەلسە نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە؟!››

      ساۋاقداش، سىز يۇقىرىقى بايانلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىچكى ھالەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ يېزىلىش يوللىرىنى چۈشىنىۋالدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ ئەمدى سىزنىڭ ئۆز ئارزۇ – ئارمانلىرىڭىزنى ئىچكى ھالەت شەكلىدە يېزىپ چىقىشىڭىزنى سورايمەن.

 

مەنبە: يېزىقچىلىق يېتەكچىسىدىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي