باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

ئەدىب نەسرۇللا ئابلەتنىڭ شۆھرىتى خەلقئاراغا يۈزلەندى

      ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ  تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پېنسىيۇنېرى، تونۇلغان ئەدىب نەسرۇللا ئابلەتنىڭ باش سۈرىتى 2011 ـ يىللىق جۇڭگو پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تارقىتىلغاندىن باشقا، يېقىندا ئۇنىڭ يەنە دۇنيا مەدەنىيەت ـ  سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹نەسرۇللا ئابلەت ئەسەرلىرى›› توپلىمى رەڭلىك نەشر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بۇ كۆپ قىرلىق ئەدىبنىڭ شۆھرىتى خەلقئاراغا يۈزلەندى.

       نەسرۇللا ئابلەت كىچىكىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئۇ شۇ ھېرىسمەنلىكتە يېرىم ئەسىر زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئوبزورچىلىق، ئەدەبىي تەرجىمە، تارىخ، مەدەنىيەت، مائارىپ تەتقىقاتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قېزىش، رەتلەش، توپلاش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرى مول مېۋە بەردى، ‹‹يېشىل ياپراق››، ‹‹يامغۇر››، ‹‹سۆيگۈ شەجەرىسى››، ‹‹ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە››، ‹‹مۇھەببەت ۋە رەزىللىك››، ‹‹كېپىنەك چۈشى›› قاتارلىق 18 شېئىر، ھېكايە - پوۋېست، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، تەرجىمە، تارىخ، مەدەنىيەت، مائارىپ تەتقىقات توپلام ـ  كىتابلىرى نەشر قىلىندى؛ ‹‹ھايات ناخشىلىرى››، ‹‹باھار خىياللىرى››، ‹‹يامغۇر ناخشىسى››، ‹‹دادا›› قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىر - داستانلىرى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ باش سۈرىتى 2010 ــ يىلى جۇڭگودىكى ‹‹مەشھۇر سەنئەتكارلار›› قاتارىدا پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تارقىتىلدى. ئۇنىڭ بۇ سەمەرىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پوچتا تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت - سەنئەت نەشرىياتىنى جەلپ قىلدى. خەلقئارادا تەسىرى بار بۇ ئۈچ ئورۇن بىرلىشىپ بۇلتۇر تاللىغان جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان 100 سەنئەتكار قاتارىدا نەسرۇللا ئابلەتكە ‹‹جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكار›› دەپ نام بەردى ۋە نەسرۇللا ئابلەتنىڭ باش سۈرىتىنى 2011 ـ يىللىق جۇڭگو پوچتا ماركىسىغا چىقىرىش، ‹‹نەسرۇللا ئابلەت ئەسەرلىرى›› توپلىمىنى رەڭلىك نەشر قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلىرىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلدى.

 

مەنبە: جوڭگو رادىيو تورىدىن ئېلىندى تەھرىر: ئىلمىنۇر