باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئامېرىكىدا ئۇچقۇر ماشىنا كەشپ قىلىندى

      نيويوركتا ئېچىلغان ماشىنا كۆرگەزمىسىدە، ئاسماندا ئۇچالايدىغان، قانىتىنى قاتلىغىلى بولىدىغان ‹‹ئۇچقۇر ماشىنا›› كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلدى.

      بۇ ماشىنىنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس شتاتىدىكى fugiaterra شىركىتى ياسىغان. بۇ ماشىنا ئىككى كىشىلىك ماشىنا بولۇپ، قانىتىنى يىغقاندىكى كەڭلىكى 2.3 مېتىر بولۇپ ئادەتتىكى ماشىنىلار بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن، لېكىن قانىتىنى ئاچقاندا كەڭلىكى 8 مېتىرغا يېتىدىكەن.

      ئامېرىكىنىڭ كوچىلىرىدا ھەيدەشكە ئىجازەت قىلىنغان بۇ ماشىنا سائىتىگە 105 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭالايدىكەن. ئۇچقاندىكى سۈرئىتى سائىتىگە 185 كىلومېتىرغا چىقالايدىغان بولۇپ، ھەيدەش ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەيدەش پىراۋىسى زۆرۈر ئىكەن.

      سېتىش باھاسى 279 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. بۇنى ياسىغان شىركەت ئۇچقۇر ماشىنىنى كېلەر يىلى سېتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ماشىنا شوپۇرلارنى قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەسرىتىدىن خالىي قىلىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان