باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

مائۇس نېمە ئۇچۇر كىرگۈزەلەيدۇ

      مائۇس 1983 - يىلى ئىجاد قىلىنغان. مائۇسنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ، قولىمىز بىلەن مائۇسنى بېسىپ تۇرۇپ تەكشى ئۈستەل يۈزىدە ھەرىكەتلەندۈرسە، ئېكراندىكى نۇر بەلگىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئېكراندىكى ھۆججەت بەلگىسىنى ياكى بۇيرۇق تىزىملىكىنى چەكسە، كومپيۇتېر شۇ بەلگە ۋەكىللىك قىلغان ھۆججەتنى ئېچىپ بېرىدۇ ياكى شۇنىڭغا ماس بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ.

      مائۇس نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ئۇچۇر كىرگۈزەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، مائۇسنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە كىچىك بىر يۇمىلاق تۆشۈك بولۇپ، ئىچىگە كاۋچوك شارچە ئورنىتىلغان. مائۇس تەكشى يۈزدە يۆتكەلگەندە، كاۋچوك شارچە دومىلاپ، بىر ئوقنى ئالدى - كەينىگە، يەنە بىر ئوقنى ئوڭ - سولغا ئايلاندۇرىدۇ. بىر چاغدا مائۇس سېنزور ئىككى ئوقنىڭ ئايلىنىش ئۇچۇرىنى سىگنال كابېلى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا يەتكۈزىدۇ، ئاندىن كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نۇر بەلگىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە ‹‹قوماندانلىق›› قىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى كۇنۇپكا توك يولى ۋىكليۇچاتېلى بولۇپ، بىر باسقاندا، توك يولىغا ئۇلىنىپ، كوپيۇتېر سىگنال قوبۇل قىلىدۇ - دە، ئاشۇ سىگنالغا ئاساسەن مەشغۇلات قىلىدۇ.

      مائۇس نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ، مەسىلەن، ئېكراندىكى سىن بەلگىلەرنى يۆتكەپ، مۇۋاپىق ئورۇنغا قويالايدۇ. مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ‹‹بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ›› كومپيۇتېرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىدۇر.

      مائۇس ئېللىپس شەكىللىك كىچىك قۇتىغا ئوخشىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىر قۇيرۇق - سىگنال كابېلى ئۇلانغان بولغاچقا، پۈتۈن ھالىتى چاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ‹‹مائۇس›› دېگەن بۇ سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى ‹‹چاشقان›› سۆزىدىن كەلگەن.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان