باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلارغا كىچىكىدىنلا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى سىڭدۈرۈش كېرەك

گۈلسۈمئاي ھېيت (بۈگۈر ناھىيىسى بۈگۈر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

      بالا جەمئىيەتنىڭ مىكرو ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە ئۈچۈن قانچە مۇھىم بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ماكرو ھېسابلانغان جەمئىيەت، دۆلەت ئۈچۈنمۇ شۇنچە مۇھىمدۇر. بۈگۈنكى بالا تەربىيىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئەتىكى دۆلەت تەقدىرىنىڭ، مىللەت كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن دېرەك بەرگۈچى مۇھىم كۆرسەتكۈچتۇر. شۇڭا، بالىلارغا كىچىكىدىنلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئائىلە، مەكتەپ، كوچا، مەھەللە ھەققىدە تەربىيە بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتى ئەڭ دەسلەپتە ئاتا – ئانىسى، مەكتىپى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوستلىرىغا بولغان مۇھەببىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. بىز بالىلارنىڭ ساپ، سەمىمىي ھېسسىياتىنى پەيدىنپەي ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ تېمىغا يۆتكىشىمىز كېرەك. بۇ تەربىيىنى بالىلارنىڭ يېشى، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە مەن بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

      1. بالىلار ئادەتتە چۆچەك ئاڭلاشقا، كارتون فىلىم كۆرۈشكە قىزىقىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، راستچىللىق، باتۇرلۇق، ئىشچانلىق قاتارلىق مەزمۇن ئاساس قىلىنغان كارتون فىلىملەرنى قويۇپ بېرىش، شۇ مەزمۇندىكى ھېكايە، چۆچەكلەرنى كۆپرەك ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ئاق كۆڭۈللۈك، باتۇرلۇق، يۇرتنى سۆيۈش تەربىيىسىنى سىڭدۈرەلەيمىز.

      2. بالىلارنىڭ قىزىقىشى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تۈرلۈك رەسىملەرنى كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆيلەرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئارقىلىقمۇ بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيىسى بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ، رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆيدە ساقلاش ۋە بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش، يادلاتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇلاردا كىچىكىدىنلا بىلىمگە قىزىقىش، ئەجدادلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىش روھىنى يېتىلدۈرەلەيمىز.

      3. ئائىلە مۇھىتى ئارقىلىق بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيىسى بەرگىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىسىنى سۆيمەيدىغان، ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان، ئىللىق ئائىلە مېھرىنى چۈشەنمەيدىغان بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاد بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ئائىلىدە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ بالىلارغا بىرلىك، ئىناقلىقنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئېسىل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋەتەندىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈش لازىم.

      4. تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بالىلارنى گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە – ساياھەت قىلدۇرۇش، تارىخىي مۇزېيلار، خاتىرە سارايلىرىنى ئىكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، دەريا – كۆل، ئورمانلارنى كۆرسىتىش، زىيارەت قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ نامى، كېلىپ چىقىشى، شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي، تەسىرلىك ئەپسانە، ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. يەنە ئۇلارنىڭ سەپەر تەسىراتلىرىنى يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق بالىلاردا ۋەتەننى، تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى ئۇرغۇتالايمىز.

      5. دۆلەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، خەلق تەقەززا بولۇۋاتقان تۈرلۈك چوڭ ئىشلار ئارقىلىق مەسىلەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مۇسابىقىلىرىنىڭ بەلگىلىرى ۋە قۇت قونچاقنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىش، سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە قۇربان بولغان پىدائىيلار توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

      6. بالىلار بىلەن بىللە ھەرخىل ھايۋانلارنى، قۇشلارنى بېقىش، بالىلارغا قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش، بىرلىكتە كۆچەت تىكىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بالىلاردا سۇ، تۇپراق، يېشىللىق، ئۇچار قۇش ھەم تۈرلۈك ھايۋانلارنى قوغداش ھەققىدە ئەمەلىي بىلىم بېرەلەيمىز ھەم ۋەتەننىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالايمىز.

      7. ۋەتەننى، ئانا يۇرتنى سۆيۈش، قوغداش مەزمۇن قىلىنغان تۈرلۈك ئەقلىيە سۆزلىرىنى، ماقال – تەمسىللەرنى بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلىدا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈش، توپلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بەرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر