باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئاھ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىم

      (سابىرە قۇربان)

      ھەربىر ئىنساننىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولىدۇ. مېنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىم مىسكىن كۆڭلۈمگە تەسەللى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

      8 – 9 ياش ۋاقىتلىرىمدا پۇت – قولۇمنىڭ چاققانلىقىغا ساۋاقداشلىرىمنىڭلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭمۇ مەستلىكى كېلەتتى. چۈنكى، چاققانلىقىم بىلەن مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك يۈگۈرۈش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى بولاتتىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ دوستلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئۈجمىلىك كوچىسىغا كەلدۇق. دەرەخ ئۇچىدىكى مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن قاپقارا ئۈجمىلەر كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى. مەن ھەممىدىن بۇرۇن دەرەخكە يامىشىپ چىقىۋالدىم ۋە دادام، ئاپاملارغا ئېغىز تەككۈزۈش ئۈچۈن قولۇمدىكى سۇلياۋ خالتىغا ئۈجمىدىن تولدۇرۇپ ئالدىم، ئاندىن ئۆزۈم تويغۇچە يېدىم. دوستلىرىم ئېغىزىم ئەتراپىنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تازا كۈلۈشتى. ھەممىدىن يامان بولغىنى ئاپام يېڭىدىن ئېلىپ بەرگەن كۆڭلىكىمنىمۇ مەينەت قىلىۋەتكەنىدىم.

      ئەپسۇس، چاققان پۇت – قوللىرىمغا كۆز تەگدىمۇ، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىن كېيىن تېنىمنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىم. بىرنەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، كۆپ داۋالانغان بولساممۇ ئىلگىرىكى ھالىتىمگە قايتالمىدىم، ھازىر ھاسىغا تايىنىپ ئاران ماڭالايمەن. مەھەللىدىكى شوخ شەكرىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارنى، مەزمۇت دەسسەپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشىپ كېتىدۇ. دائىم ئىلگىرىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى ئويلايمەن. چۈنكى، ئاشۇ ئەسلىمىلىرىمگە خۇشاللىقىم ۋە مەن كېچە – كۈندۈز تەشنا بولىدىغان ساغلاملىقتىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىق يوشۇرۇنغان.

     ئاھ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىم، سەن ئارقىلىق ساغلاملىققا تەشنا قەلبىم تەسكىن تاپسۇن!

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەسى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى 1 – ئەترەتتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي