باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن

      رىزۋانگۈل ئابدۇرېھىم

      مېنىڭ دادام ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، قامەتلىك ئادەم.

      دادام تولىمۇ مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان، بىزنى ياخشى ئوقۇتۇش ۋە ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بورداقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ جاپا تارتىۋاتىدۇ. ئۇ دائىم بىزگە: ‹‹سىلەرنى ياخشى ئوقۇتۇپ ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلىلىسەم ئاندىن ئارام تاپىمەن›› دەيدۇ.

      دادامنىڭ سۆزلىرى مەن ئۈچۈن ئىلھام، ئوقۇش داۋامىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسام بۇ سۆز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. مەن دادامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن.

      مەن مۇشۇنداق مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان دادامنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر