باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹يامغۇر ياغدى ــ قار ياغدى›› ئويۇنى

      ‹‹يامغۇر ياغدى ـ قار ياغدى›› ئويۇنى ‹‹يامغۇر ياغلاق››، ‹‹چىپ ــ چىپ›› قاتارلىق ناملار بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، خۇسۇسەن يېزا بالىلىرى بەكرەك ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان، مەزمۇن ۋە شەكلى ئۆزگىچە، كۆڭۈللۈك ئەنئەنىۋى ئويۇن. بۇ ئويۇن ھەرقايسى پەسىللەرنىڭ ھۆل ـ يېغىنلىق كۈنلىرىدە كوچا ـ مەھەللىلەردە قىز ــ ئوغۇللارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ.

      ئويۇنغا خۇشتار بالىلار ئادەتتە يامغۇر ياغقان، يامغۇر يېغىپ توختىغان، قار ئۇچقۇنداۋاتقان پەيتنى تاللاپ مەھەللە بويىچە توپلاشقاندىن كېيىن، ئىختىيارىي گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭدا قىز ـ ئوغۇللار ئارىلىشىپ ياكى ئايرىم ـ ئايرىم گۇرۇپپا شەكىللەندۈرۈشكە بولۇۋېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار كوچا ـ كوچىلارنى ئايلىنىپ:

 يامغۇر ياغدى ــ قار ياغدى،

شارقىراپ كەتتى.

ئۆتۈكۈمنى مايلىسام،

پارقىراپ كەتتى.

 

پاتقاق كەچتىم ئۆتۈكۈم

ماكچىيىپ كەتتى.

ئانام كۆرۈپ شۇ ھامان

ۋارقىراپ كەتتى.

      دېگەن قوشاقلارنى ئوقۇپ، ۋاقىت ـ سائىتىدە ياغقان قار ــ يامغۇرنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدىكى خاسىيىتىنى تەبرىكلىشىدۇ، تەبىئەت ئاتا قىلغان ھىممەتلەردىن مىننەتدار بولۇشىدۇ. ئويۇن بالىلار زېرىككۈچە داۋاملىشىدۇ، قوشاق تەكرار ئوقۇلۇۋېرىدۇ.

      بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق قار ـ يامغۇر قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىسىلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشىدۇ، قار ــ يامغۇردىن كېيىن گۈزەللىككە تويۇنغان تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ خاسىيەتلىرىدىن زوقلىنىدۇ، پائالىيەتچانلىق روھىنى يېتىلدۈرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇس تەھرىر: مېھراي