باش بەت | پىسخىكا

ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنىڭ توققۇز قائىسى

1. گەپنى سۆھبەتدىشىڭىزنى ماختاش ۋە ياخشى تەرىپىنى قىلىش بىلەن باشلاڭ.

2. ئۆزگىلەرنىڭ كەمچىلىك ۋە سەۋەنلىكلىرىنى توغرىدىن – توغرا ئېيتماي باشقىلار مىسالىدا چۈشەندۈرۈڭ.

3. ئاۋۋال ئۆز كەمچىلىك ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىزنى بايان قىلىش ئارقىلىق سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى سىلىق – سىپايىلىق بىلەن تەنقىدلەڭ.

4. سۆھبەتدىشىڭىزغا بۇيرۇقۋازلىق قىلماستىن سوئاللىق ئۈندەشلەر ئارقىلىق سۆھبەت مەزمۇنىنى بېيىتىڭ.

5. ئادەملەرنىڭ ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە يېڭىدىن – يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ئىمكانىيەت بېرىڭ.

6. ھەربىر ئادەمنىڭ ئەڭ كىچىك نەتىجىلىرىگىچە تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

7. ئادەملەر ئارىسىدا ساغلام، قەدىر – قىممەتلىك مۇھىت يارىتىڭ – دە نەتىجىدە ئۇلار شۇ ھالدا ئىش قىلىشقا ھەرىكەت قىلسۇن.

8. شۇنداق قىلىڭكى، ئادەملەر سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىرادە باغلىسىلا نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشسۇن.

 9. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئادەملەر سىزنىڭ بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىز ۋە كۆرسەتمىلىرىڭىز ئارقىلىق ئىش كۆرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن زوقلىنىشسۇن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر