باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

ياڭاقنىڭ رولى

      ياڭاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش، ئۆپكىنى ياخشلاپ ئۈچەينى سىلىقلاش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە. تۆۋەندە ياڭاق ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەرنىڭ ئاددىي رىتسىپلىرىنى چۈشەندۈرىمىز.

      1. ياڭاق، ھەسەل، چاينى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ: 5 گىرام ياڭاق، 1 گىرام ھەسەلنى قايناقسۇغا سېلىپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

      2. ياڭاق بىلەن كۈنجۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلغاندا چاچقا بالدۇر ئاق كىرىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: ياڭاق بىلەن كۈنجۇتتىن 5 گىرامنى ئېزىپ، مەلھەم قىلىپ ئىستېمال قىلغاندا، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

      3. ياڭاق بىلەن زەنجىۋىلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ: بىر تالدىن ئىككى تالغىچە ياڭاق مېغىزى، بىر پارچىدىن ئىككى پارچىغىچە زەنجىۋىلنى ئۇششاق ئېزىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۆپكە ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ نەپەسنى ياخشىلايدۇ. بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆتەل، بەلغەم ۋە دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

      4. ياڭاق بىلەن سۈتنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: ئالتە تال ياڭاقنى بىر ئىستاكان سۈتكە سېلىپ، قاينىتىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

      5. ياڭاق سېلىپ تەييارلانغان گۈرۈچ ئۇمىچىنى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ: 50 گىرام ياڭاق مېغىزى ۋە 50 گىرام گۈرۈچنى 500 مىللىلىتېر سۇغا سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان