باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

تاماكا ۋە قاتىل

      بىر كۈنى، ئاۋسترىيىنىڭ پىسخولوگىيە ئالىمى فلۇئىدېر كوچىدا ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ، ۋېنا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇلېر بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.

       ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئەنزىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:

       — بۇنىڭدىن بەش كۈن بۇرۇن، شەھەر سىرتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئادەمنىڭ چىرايلىق خوتۇنى ئۆلتۈرۈلدى. ئەنزە سادىر بولغان ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئىككى يېرىمغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ... — ساقچى باشلىقى فلۇئىدېرغا بىر تال تاماكا تۇتۇپ سۆزىنى ساۋاملاشتۇرۇپتۇ، — ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى ۋېنا سىمفونىيە ئوركېستىر ئانسامبىلىنىڭ پىيانىنوچىسى ئىدى، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ كۈندۈزلۈك ئويۇنغا قاتنىشىۋاتقانىكەن. ھازىر بىز ئىككى كىشىدىن گۇمانلىنىۋاتىمىز، لېكىن قولىمىزدا كۈچلۈك ئاساس يوق، ھەقىقىي قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېكىتىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ.

      — نەق مەيداندا قاتىلنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسىلىرىمۇ بارمىكەن، — سوراپتۇ فلۇئىدېر تاماكىنى بىر شورىۋېتىپ.

      — دەرۋازا ئالدىدا تېخى بىر – ئىككى شوراپلا تاشلىۋەتكەن تاماكىنى تېپىۋالدۇق، بۇ تاماكىنىڭ ماركىسى سىز چېكىۋاتقان تاماكىنىڭ ماركىسىغا ئوخشايدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتراپىدا ئۆلگۈچى ئالدى ھويلىنى سۈپۈرۈپتىكەن، بۇنى دەل شۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پوچتالىئون كۆرۈپتىكەن. دەرۋازا ئالدىدىكى ھېلىقى تاماكا قالدۇقى جەزمەن قاتىل تەرىپىدىن تاشلانغان، تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر – ئىككىنى دەسسىۋېتىپتۇ.

      — ھېلىقى گۇمانلىق ئىككى ئادەم تاماكا چېكەمدىكەن؟

      — شۇنداق، يەنە كېلىپ ئۇلار ئاشۇنداق ماركىلىقنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا، ھۆكۈم قىلىش تەس بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۆلگۈچىنىڭ ياش ئاشنىسى بولۇپ، مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇچىسىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى سىرتقا ئويۇن قويغىلى كېتىپ، كۆپ چاغلاردا ئۆيدە بولالمىغاچقا يالغۇز قېلىپ زېرىكىدىكەن، ھېلىقى ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بەك يېقىنكەن، تېخى ئۇ ئايال ھەمىشە ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى ئۆيىگە ئاپىرارمىش.

      — ئۇ ئوقۇغۇچىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش غەرىزى بارمۇ؟ — سوراپتۇ. فلۇئىدېر

      — يېقىندا ئۇ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلاپتىكەن، بۇنى ئاڭلاپ ئۆلگۈچىنىڭ تازىمۇ كۈندەشلىكى كەپتۇ، شۇڭا ھېلى ياش بىلەن دائىم جېدەللىشىدىغان بولۇپ قاپتىكەن.

      — گۇمانلىق ئادەم يەنە بىرسىچۇ؟

      — ئۇ ئاشۇ رايوندىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ساتىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئايالنىڭ دائىم ئۆيىدە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يۈزىنى قېلىن قىلىپ ئايالنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، شېرىن گەپلەر بىلەن ئۇنى ئالدايدىكەن.

      — ئايالدىن دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئىزاغا چىدىماي، ئۆچمەنلىك بىلەن ئايالنى ئولتۈرۈپتۇ .

      — بۇنداق ئېھتىمال يوق ئەمەستۇ؟

      — شۇنداقمۇ دەيلى، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى پاكىتنىڭ تولۇق بولماسلىقى بولۇۋاتىدۇ.

فلۇئىدېر ئاغزىدىكى تاماكىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن دەپتۇ:

      — كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ساتىدىغان ئادەم قاتىلنىڭ ئۆزى شۇ.

      — بۇنىڭغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟

      — ئەگەر قاتىل ھېلىقى ئايالنىڭ ئاشنىسى بولسا، تېخى ئەمدىلا بىر – ئىككى شورىغان تاماكىنى ئىشىك ئالدىغا تاشلىۋەتمەيتتى، ئۇ ھەر دائىم ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئاغزىدا تاماكا چىشلىگەن پېتى كىرىپ – چىقىپ يۈرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ساتقۇچى ئادەم بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ قولىدىكى مالنى سېتىش ئۈچۈن، ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، شۇڭا ئۇ ئەدەپ يۈزىسىدىن بىرەر ئائىلىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ھەمىشە دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، تۇتاشتۇرغان تاماكىسىنى تاشلاپ، ئۈستىگە دەسسىۋېتىدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىشقا بولىدۇكى ئۆلگۈچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئالاھىدە ئەدەپلىك بولۇپ كۆرۈنگەن ئادەم چوقۇم مال ساتقۇچى بولۇشى كېرەك.

      ساقچى باشلىقى بولېر بۇ گەپنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ تەكشۈرۈپ سوراق قىپتىكەن، راست دېگەندەك قاتىل ھېلىقى مال ساتقۇچى بولۇپ چىقىپتۇ.

 

مەنبە: تەھرىر: مېھراي