باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئامېرىكا ئەڭ تېز يۈگۈرىدىغان تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەم ‹‹قاپلان››نى ياسىدى

      بوستون ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتى ياسىغان ماشىنا ئادەم ‹‹قاپلان›› ئەڭ تېز يۈگۈرىدىغان تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەم بولۇپ قالدى.

      ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە خەۋەر قىلىشىچە: ئۇلارنىڭ بوستون ئېنېرگىيە شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ ياساتقان ‹‹قاپلان›› ناملىق ماشىنا ئادىمى، سائىتىگە 29 كىلومېتىر مېڭىپ، پۇتلۇق ماشىنا ئادەمنىڭ قۇرۇقلۇقتا مېڭىشتىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى بۇزغان.

      ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالىي تەتقىتات مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: ‹‹قاپلان››نى ياساشتىكى مەقسەت، ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئىنسانلارنىڭكىدىن تېز قىلىپ، ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوغلاپ تۇتۇشتىن قېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش ئىكەن.

      بوستون ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ لىدىرى مارك كىلېيبورت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تېز ماڭىدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرۈشىمىز. ئىلگىرىكى رېكورت سائىتىگە 21 كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ياسىغان تەكشىلىكتىكى ئىككى پۇتلۇق ماشىنا ئادەم ياراتقان ئىدى. كەلگۈسىدە ‹‹قاپلان›› تېخىمۇ تېز يۈگۈرىدۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز ئۇنىڭ سائىتىگە 113 كىلومېتىر يۈگۈرەلەيدىغان قىلىش. ئۇنى ئارمىيەگە ئىشلەتكەندىن سىرت، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان