باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئاخىرقى چولپان

مەمەت تۇرسۇن ئەخمەت

      ئەسقەر بىلەن ئىككىمىز بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ياخشى دوستلاردىن ئىدۇق. ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەچكە بوش ۋاقىت تاپسىلا كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇيتتى. مەكتەپتىن قايتقۇچە ماڭا چۆچەك، ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە بارا – بارا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.

      بىر كۈنى مەكتىپىمىزدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بىز مۇسابىقە كۆرۈۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز مەيداندىن قاڭقىپ چىققان توپ ئەسقەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئەسقەر توپنى كۈچەپ تېپىۋىدى ئويلىمىغان يەردىن ۋاراتاغا كىرىپ كەتتى.

      – يارايسەن، بىكىنھامدەك تېپىۋەتتىڭ، – دېدىممەن.

      – بۇ كىتابپۇرۇش نەدىمۇ بىكىنھامغا ئوخشىسۇن، بۇ تاسادىپىيلىق، ئۇ ئىككىنچى توپنى مەڭگۈ ۋاراتاغا كىرگۈزەلمەيدۇ، – دېدى ساۋاقدىشىمىز تۇرسۇن.

      – ئەگەر مەن كىرگۈزەلىسەمچۇ؟ – دېدى ئەسقەرمۇ بوش كەلمەي.

      – ئۇ چاغدا سېنى ‹‹چولپان›› دەپ چاقىرىمەن، – دېدى تۇرسۇن.

      مەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەسقەرنى سىنىپقا ئەكىرىپ كەتتىم. ‹‹خەپ، ئۇنىڭغا توپ ئوينىيالايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويمىسام›› دېدى ئەسقەر خاپا بولۇپ.

      ئەتىسىدىن باشلاپ ئەسقەر پۇتبول مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. كوماندا ئەزالىرى بىلەن دوستلىشىپ توپ ئويناشنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلىدى، بارا – بارا ئۇنىڭ توپ ئويناش ماھارىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇپ مەكتەپ پۇتبول كوماندا ئەزالىقىغا تاللاندى. شەھەر، ۋىلايەت بويىچە ئوتكۈزۈلگەن پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ مەكتىپىمىزگە شەرەپ ئېلىپ كەلدى.

      بىركۈنى دەرس ئارىلىقىدا مۇئەللىم ئەسقەرنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە تاللانغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى بەردى. بىز خۇشال بولۇپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتقاندا ساۋاقدىشىمىز تۇرسۇن يېنىمىزغا كېلىپ:

      – دوستۇم، مېنى كەچۈر، ئالتۇن مېدال ئېلىشىڭغا تىلەكداشمەن، – دېدى خىجىل بولغان ھالدا.

      – رەھمەت دوستۇم، – دېدى ئەسقەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

      مەن ئۇلارنىڭ قايتىدىن دوستلاشقانلىقىغا قاراپ خۇشال بولدۇم. ئەسقەرنىڭ نەتىجىلىرىدىن تىرىشچانلىق بولسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى ئاۋات بازىرى كەڭساغان مەكتەپتە)

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر