باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلار بىر ياشتن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالدۇرلۇق قىلمايدۇ

      گېرمانىيەدە ‹‹كىتاب ئوقۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى — كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈچ ئابىدىسى›› تېمىسىدا پائالىيەت يولغا قويۇلدى. بۇ گېرمانىيەدىكى ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بالىلارنىڭ تۇنجى كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتىدۇر. بۇ پائالىيەت سەككىز يىل يولغا قويۇلۇپ، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان 1 مىليون بالا ۋە ئالتە ياشقا كىرگەن ئوقۇش يېشىدىكى 2 مىليون بالا نەپكە ئېرىشىدىكەن.

      كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈچ باسقۇچى

      ‹‹كىتاب ئوقۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى — كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈچ ئابىدىسى›› پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئاتا – ئانىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىر ياشلىق بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتۇر. ‹‹ئۈچ ئابىدە›› بالىلار بىر ياش، ئۈچ ياش، ئالتە ياشقا كىرگەندە، ھۆكۈمەت بالىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدىغان ئوقۇشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، ئوقۇشلۇقنىڭ مەزمۇنى بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان بالىلار ئوقۇشلۇقى ۋە ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدا ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان ماتېرىياللانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر ياشلىق بالىلار ئوقۇشلۇقى پۈتۈن گېرمانىيەدە تارقىتىلىشقا باشلىدى، بۇ ئوقۇشلۇقنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش رەسمىيىتى ئۆتىگەندە ئاتا – ئانىلار دوختۇرخانىدىن ئېلىۋالسا بولىدىكەن.

      بۇ پائالىيەتكە تۈرگە مەسئۇل بونېر ۋىست خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ئەنگلىيەدە باشلانغان پائالىيەت بولۇپ، 2006 – يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ساكسون ۋە ھەمبۇرگ شەھىرىدە سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.

      گېرمانىيە مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوففىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىر ياشلىق، ئۈچ ياشلىق، ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوقۇشلۇق تەييارلاش لايىھەسى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار يەنە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورگىنىغا ھاۋالە قىلىپ، دۆلەت بويىچە يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى ئىز قوغلاپ باھالاپتۇ. كوففىن مۇنداق دېدى: بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. بىر ياش بالىلارنىڭ تىلى چىقىدىغان، سۆز ئۆگىنىدىغان مەزگىلى، سۈرەتلىك كىتاب كۆرۈش، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۇلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى، ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرى ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ. بۇ خاتا قاراش، ئەمەلىيەتتە ئاتا – ئانىلار بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇش بالىلارغا كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

      كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇپ بەرسە، بىر ئۆمۈر پايدىسىنى كۆرىدۇ.

      مۇخبىر سەككىز يىلدىن بۇيان بالىلارغا ئىزچىل كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقان بانزىمو خانىمنى ئۇچراتتى. ئۇ بالىلارنىڭ ئىنتۇناتسىيەسىنى توغرىلاۋاتقانىكەن، بالىلار بىلمەيدىغان خەتلەرنى ئۇچراتسا ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق بىلەن ‹‹بۇ نېمە دېگەن گەپ؟›› دەپ سورايتتى. بانزىمۇ ھەر ھەپتىدە ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن كۇتۇپخانىغا كېلىپ بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ يەرگە ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلار تۆت ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلار بولۇپ، قىسمەنلىرى ئىزچىل كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىۋاتقانلار ئىدى. 11 ياشلىق كلائۇس ئۆزىنىڭ ‹‹خاررى. پوتتېر››نىڭ ئۈچ قىسمىنى ئوقۇپ بولغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىدى. مۇخبىر كلائۇسنىڭ كۇتۇپخانىدا ئۆزىگە لازىملىق كىتابلارنى بىمالال ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بۇ كۇتۇپخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدى. كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقان يەنە بىر خانىم كىتاب ئوقۇشقا كەلگەن بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيەسىنىڭ تېز ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

       بانزىمۇ مۇخبىرغا يېقىندىن بۇيان برونى خەير – ساخاۋەت كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، گېرمانىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن كۆچمەن بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى گېرمانىيەلىك بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدىكەن.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر