باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

كومپيۇتېرنىڭ ئاساسچىسى

      چارلىس باكورچ 1791 – يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ 24 يېشىدىلا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش جەريانىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇڭا، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھېسابلاش ئەسۋابىنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولغان.

 

      ئەينى چاغدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بەزى ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقاچقا زور مىقداردىكى سانلارنى ھېسابلاش زۆرۈر بولۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكلار مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانلىرىنى بىرقاتار ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇللىرىغا بۆلۈپ ماتېماتىكىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان 100 دىن ئارتۇق ئايالنى ئەكېلىپ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھېسابلاتقان، ئاندىن نەتىجىنى بىر – بىرلەپ يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

      باكورچ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ يېڭى ھېسابلاش ئەسۋابى بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ ئاددىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسىلا بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە قەدەممۇقەدەم ھېسابلىغاندا مۇرەككەپ ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. ھازىرقى زاماندىكى كومپيۇتېر مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن ۋە ياسالغان.

      باكورچ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى كارتىغا خاتىرىلەشنى، يەنى كارتىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تۆشۈك ئېچىپ شۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان رەقەملەرنى ئىپادىلەشنى ئويلاپ چىققان. ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىدا ماگىنتلىق دىسكا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى كارتىغا تۆشۈك ئېچىش ئۇسۇلى بىلەن سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلەتتى ۋە چىقىرىپ بېرىلەتتى.

      باكورچ كومپيۇتېرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ تۆھپە قوشقاچقا كىشىلەر ئۇنى ‹‹كومپيۇتېرنىڭ ئاساسچىسى›› دەپ ئاتىدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر