باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

پەزىلەت

(ھېكايە)

ئەدھەم ئىبراھىم

      كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ، بىر قاراپلا ئولتۇرغۇدەك ئورۇننىڭ يوقلۇقىنى كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇس تۇتقۇچىنى تۇتۇپ دېرىزىدىن سىرتنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا پۇزۇر كىيگەن ئىككى ئايال قىزغىن پاراڭىشىۋاتاتتى. بىرسىنىڭ يېنىدا ئون ياش چامىسىدىكى بىر بالا تۇراتتى، كۆزۈم سىرتنىڭ مەنزىرىسىدە بولسىمۇ قۇلىقىم ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئاساسەن بالا تەربىيەسى، ئەدەپ – قائىدە ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن ئۇلارنى مۇشۇ مەدەنىي شەھەرنىڭ مەدەنىي پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ بىر خىل سۆيۈنۈش ئىچىدە كېتىۋاتقىنىمدا ئاپتوبۇس توختاپ ئادەملەر ئالدىرىغان ھالدا ئاپتوبۇسقا چىققىلى تۇردى. بىر ياش ئانا قۇچاقتىكى بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئىتتىرىلىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ توختىدى. ئۇنىڭ ئاۋارە تۇرقىدىن تۇرمۇش دىشۋارچىلىقىدا تۇرمۇش ھارۋىسىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان بىر ئاجىزە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. مەن بۇ ئايالغا ئورۇن بوشىتىپ بېرەلمىسەممۇ ئازراق بولسىمۇ ئازادىلىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كەينىمگە سۈرۈلۈۋاتقىنىمدا، يېنىمدىكى بالا ئاپىسىنى تۈرتۈپ پەس ئاۋازدا:

      – ئاپا، ئاۋۇ ئاپاشقا ئورۇن بېرەيلىچۇ، – دېدى. ئاپىسى بولسا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ دېرىزە تەرەپكە قارىۋالدى. بالىنىڭ يۈرىكى تىتىلداپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ يېڭىدىن تارتقىنىچە يەنە:

      — ئاپا قارىغىنە، بەك ئاۋارە ئىكەن. تېخى قۇچىقىدا بالىسى باركەن، ئورۇن بېرەيلىچە، — دېدى.

      – خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆزۈڭنى بىلىپ جىم تۇر، – ئاپىسى بوش ئەمما زەردە بىلەن شۇنداق دەپ ئالايغىنىچە بالىنى سىلكىشلەپ يېنىغا تارتتى.

      – ئاپا، مۇئەللىم بىزگە ياشانغانلارغا، مېيىپ، ئىككى قات، يەنە ئاۋۇ ئاپاشقا ئوخشاش قۇچىقىدا بالىسى بارلارغا ياردەم قىلىڭلا، ئاپتوبۇستا بولساڭلار ئورۇن بېرىڭلار...

      – مانا ئاغزىڭغا.... بىر تەستەك بىلەن بالا شۈكلىنىپ قالدى. كۆزىدىن نارازىلىق ياشلىرى دۇمىلاپ چۈشتى. ‹‹خەپ سېنى، ئۆيگە بارغاندا...›› – ئايال شۇنداق دېگىنىچە بالىنى سۆرەپ ئاپتوبۇستىن چۈشتى. ئۇنىڭ ھېلى قىلغان گەپلىرى بىلەن بۇ قىلىقلىرىدىن يۈرىكىم ئارامسىزلىنىپ ‹‹ئۇھ›› دەۋەتتىم ئارانلا...

(چاپچال ناھىيەسى قاينۇق يېزا ئىگىلىك پونكىتىدا)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مېھراي