باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

بۇ تەجرىبىخانىدا كىشىلەر ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 45 مىنۇتلا تۇرالايدۇ

      شياڭگاڭدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا بىر ئاۋازسىز ئۆي بار بولۇپ، %99.99 ئاۋازنى سۈمۈرىۋالالايدىكەن. ئۇ دۇنيا جىنىس رېكورتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ جىمجىت يەر تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئىنسانلار ئاۋازسىز ئۆيدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، ئۆزىنى چىدىغۇسىز ھېس قىلىپ، خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلاندىكەن. ھازىرغىچە بۇ ئۆيدە تۇرۇش رېكورتى 45 مىنۇت ئىكەن.

      بۇ ئۆيدە بىر ئاز تۇرسىمۇ چىدىغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئاۋازسىز ئۆينىڭ باشقۇرغۇچىسى ئالفېيتىر مۇنداق دېدى: بۇ ئۆي ئەينەك تالالىق ئاۋاز ئايرىش پاختىسى، قوش قەۋەتلىك ئىزولياتسىيەلىك پولات تام ۋە بىتون بىلەن ياسالغان، ھەتتا مەنمۇ ئىچىدە ئۇزۇن بولغاندا 30 مىنۇت تۇرالايمەن.

      ئالفېيتىر مۇنداق دېدى: مۇھىت ئىنتايىن جىمجىت بولسا، ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىمۇ تەڭ ئەگىشىپ تەڭشىلىدۇ، ئەتراپ جىمجىت بولغانسېرى ئاڭلىنىدىغان ئاۋازمۇ كۆپ بولىدۇ، مەسىلەن: ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشى، ئۆپكىسىنىڭ ئاۋازى ھەتتا ئاشقازىنىنىڭ غۇرۇلدىغان ئاۋازى قاتارلىقلار. ئادەتتە كىشىلەر ئاۋازغا تايىنىپ يۆلىنىشنى بىلىدۇ، ئاۋاز يوق بولغاندا ئەنسىزلىنىپ ئولتۇرۇۋالغۇسى كېلىدۇ.

      بۇ ئاۋازسىز ئۆينى ئىشلىتىدىغان ئورگانلار پۈتۈن ئامېرىكىغا تارالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم بوشلۇقى خادىملىرىنى مۇشۇ يەردە سۈنئىي ئالەم مۇھىتى ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىتتا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ھەم بۇ مۇھىتتا ئۇلار دىققىتىنى يىغالامدۇ، دېگەندەك سىناقلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يەنە بەزى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى مەھسۇلاتىنىڭ ئاۋازىنى سىناشقا ئىشلىتىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان