باش بەت | كائىنات سىرلىرى

مايا ئارخېلوگى ئەڭ يېڭى بايقىشى بىلەن ‹‹2012-يىلى ئاخىرقى زامان بولىدۇ›› قارىشىنى ئاغدۇردى

                                         

ئارخېلوگلار بايقىغان خارابىلىق قۇرۇلۇش

      11 - ماي نەشىر قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق ‹‹پەن - تېخنىكا›› ژۇرنىلىدا ئامېرىكا ئارخېلوگ ئالىمىنىڭ زور ئارخېلوگىيە بايقىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئارخېلوگلار گىۋاتېمالانىڭ مايا مەدەنىيەتى خارابىلىقىدىن ھازىرقى بىلىنىشلىك ئاسترونوم ھادىسىسى ۋە كالېندار خاتىرىلەنگەن ئەڭ كونا مايا ئاسترونوم ھادىسىلىرى جەدۋىلىنى بايقىغان. كالېندار ھازىردىن باشلاپ يەنە 7000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە ھېسابلاپ چىقىلغان بولۇپ، 2012 - يىلى زامان ئاخىرى قارىشىنى ئاغدۇرىۋەتكەن.

      9 - ئەسىردىكى كىتاب ئۆيى

      ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىرلىق تام رەسىملىرى

      بۇ خارابىلىق گىۋاتېمالانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شۇلتۇن يامغۇرلۇق ئىقلىم ئورمىنىغا جايلاشقان.

      ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئارخېلوگىيە ئالىمى ۋېليام ساتۇرنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى 2010 - يىلى قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، تاشلىۋېتىلگەن خارابىلىقتا بىر قۇرۇلۇشنى بايقىغان. ئارخېلوگلار بۇنى قازغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر، ئەگمە شەكىللىك تورۇسنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۈچ مېتىر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.

ئارخېلوگلار تامدىكى رەسىم ۋە سان-سىفىرلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

      ئۆيدە بىر تاش ئورۇندۇق بار بولۇپ، بۇنىڭ يېزىقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ ئۆينىڭ تارىخىنى تەخمىنەن 9 - ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولاتتى.

      ئۈچ تام ۋە تورۇستىكى تام رەسىملىرى ياخشى ساقلانغان. شەرقىي تامغا بىر قانچە ئولتۇرغان كىشىلەر راست ئادەمنىڭ رەزمىسى بويىچە سىزىلغان بولۇپ، ئۇچىسىغا قارا كىيىم، بېشىغا تاج تاقىغان، ھەممىسى شىمال تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئىدى. شىمالىي تامغا نەپىس قېنىق سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن كىشى، قولىغا قەلەم ئالغان پېتى تۇراتتى. ۋېليام ساتۇرنو ئۇنى شۇلتۇن رايونىنىڭ خاقانى دەپ قارىدى.

      ئارخېلوگلار يەنە بىر تامدا ئاي فازىسى خاتىرىسى بولۇپ، تەخمىنەن 13 يىل خاتىرىلەنگەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 10 - ماي مايا ئاسترونوم مۇتەخەسىسسى، ئامېرىكا كولگەيت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئانتونىئو ئاۋېينىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنداق خاتىرە يازمىسى ئارقىلىق يېرىم يىل بۇرۇن تولۇنئاينى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ مايا ئىلمىي نۇجۇمى ۋە ھەرخىل مۇراسىملارغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، يەنە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇرۇش قوزغىشى، يىللىق يىغىمنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ پىكىر بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ دېگەن.

تامدا كۈننى ھېسابلىغان سانلا تۇراتتى

      ئارخېلوگلار ئەڭ قىزىققىنى شەرقىي تامدىكى قارا بەلگىلەر ۋە رەسىملەر بولۇپ، مارس، ۋېنېرانىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ۋە ئاي تۇتۇلۇش دەۋرى كۆرسىتىلگەن. تامدا يەنە بىر قىسىم قىزىل بەلگىلەر بولۇپ، ھېسابنىڭ ئىزاھاتى ۋە تۈزىتىلمىسى چۈشەندۈرۈلگەن. ساتۇرنو: قارىغاندا خاتىرىلىگۈچى بۇنى بىر دوسكا قىلىۋالغان ئوخشايدۇ دېدى.

      تامدىكى رەقەمدە تۆت ۋاقىت ھالقىما چېكى كۆرسىتىلگەن، ئايرىم ھالدا 935 يىلدىن 6700 يىلغىچە ھېسابلىساق، 7000 يىلدىن ئاشىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ۋاقىت ھالقىما چېكىنىڭ نېمە مەنە ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇقمايدىكەن، بىراق خاتىرىلىگۈچى چوڭ ئاسترونوم ۋەقەسىنى ھېسابلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن.

      ساتۇرنو مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم مايا جەمئىيىتىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسىنىڭ قولىدىن چىققان بولىشى مۇمكىنچىلىقى بولغان خاتىرىنى كۆرۈشىمىز.

      مايا خەلقى دۇنيا داۋاملىق يەنە ھازىردىن 7000 يىل كېيىنگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

      ‹‹2012 - يىلى ئاخىرقى زامان بولىدۇ›› قارىشى:

      بۇرۇن بايقالغان مايا خاتىرىسىدا 2012-يىلى 21 - دېكابىر دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ دېيىلگەن.

      مايا مەدەنىيەتى مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 - يىلىدىن مىلادىيە 900 - يىلىغىچە ھازىرقى مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىن ئامېرىكا قىتئەسىگىچە گۈللەنگەن مەدەنىيەت.

      ئارخېلوگلار مايالىقلارنىڭ ئاسترونوم، ماتېماتېكا، قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ ئاسترونوم كالېندارىنى بايقىغان. ئاتالمىش ‹‹2012 - يىلى ئاخىرقى زامان بولىدۇ›› ئۇلارنىڭ كالېندارىدىن كەلگەن ئىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان