باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

بېلىق كاۋىپى

 

 

      نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار بېلىق يەپ كەتمەيدۇ، ئەمما، سىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زەرەپشان دەرياسى بويلىرىغا بېرىپ قالسىڭىز، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق يەپلا قالماستىن بەلكى، بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشتا دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان، قەدىمي ۋە ئىپتىدائىي ئۇسسۇلنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، بۇ خىلدىكى بېلىق كاۋىپى باشقا ھەرقانداق بېلىق كاۋىپىغا قارىغاندا ئىنتايىن تەملىك، ئەلۋەتتە.

      زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشىدا تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار ئېلىپ بېرىلىدۇ: ئالدى بىلەن پۈتۈن بېلىقنىڭ قاسرىقى قىرىۋېتىلىدۇ، بېلىقنىڭ قورساق قىسمى يېرىلىپ ، بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىدۇ. بېلىقنىڭ تەكشى پىشىشى ئۈچۈن بېلىقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ۋە ئاستىنقى قىسمىغا ئىككى تال قىسقا ياغاچ زىق توغرىسىغا پاراللېل ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ، بېلىقنىڭ بەدىنى يەلپۈگۈچسىمان كېرىلىدۇ، بېلىقنىڭ ئاغزىدىن قۇيرۇقىغىچە بىر تال تومراق يۇلغۇن زىق ئۇزۇنىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ تەييار قىلىۋېلىنغان پۈتۈن بېلىقلار بېلىقنىڭ بەدىنىگە ئۆتكۈزۈلگەن توم زىق ئارقىلىق دەريا بويىدىكى قۇم ساھىلىغا يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە سانجىپ، تىزىلىدۇ، ‹‹چەمبەر›› نىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇپ كەتكەن توغراق ئوتۇنى ياكى يۇلغۇن شاخچىلىرىدىن كىچىك گۈلخان ياسىلىپ، بېلىق ئۇنىڭ ئوتىدا بىر سائەتلەر ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ. پىشۇرۇپ ئېلىنغان بېلىق كاۋىپىغا تۇز، مۇچ ئۇۋىقى، زىرىلەر سېپىلسە، بېلىق كاۋىپى تېخىمۇ خۇش پۇراق ۋە يېيىشلىك بولىدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر