باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئۆگەي دادام

(نەسر)

ئارزۇگۈل ئالىمجان

      ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە دادام ئىككى ياش ۋاقتىمدىلا تۈگەپ كەتكەنىكەن. مەن دادامنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلمەيمەن. پەقەت كونا ئالبۇمدىكى ناتونوش بىر سۈرەتكە قاراپ ئۆزۈمگە پۈتۈنلەي يات بىر ئادەمنى ‹‹ئۇ مېنىڭ دادامكەن›› دەپ ئەسلەپ قويىمەن. كېيىن ئاپام قايتا توي قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە خۇش بولۇپ كەتمىدىم. چۈنكى، ‹‹ئۆگەي دادا›› دېگەن بۇ سۆز ھەرقانداق بىر كىشىنى بىئارام قىلماي قالمايدۇ – دە!

      يىللار چاقى توختىماي چۆرگىلەۋەردى. مەنمۇ بالىلىقىمنى ئالىياقلارغا تاشلاپ چوڭ قىز بولۇپ قالدىم. چوڭ بولۇپمۇ گۆدەكلىكىمنى، نادانلىقىمنى بىر كۈنمۇ تاشلىمىدىم. تاكى ئۇ ماڭا ‹‹دادا›› دەپ سايلىنىپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنى بىرەر قېتىم ‹‹دادا›› دەپ يېقىملىق چاقىرىپ باقمىغانىدىم. ‹‹ئۇ دېگەن ئۆگەي دادا، ئۆگەي دادىلار ھەرگىز ئۆز دادىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ›› دېگەن سۆزلەر گۆدەكلەرچە قەلبىمدە ھامان ھۆكۈم سۈرەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىمىز ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا داداڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار دېسە، دائىملا ئاپامنى زورلاپ ئاپىراتتىم. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ پەقەت مېيىقىدا كۈلۈپلا قوياتتى.

      يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رەھىمسىز كېسەل ئۇنى كېسەل كارىۋىتىغا بەنت قىلدى ۋە كۈچ – مادارىدىن، غەيرىتىدىن ئايرىدى. بۇ كۈنلەردە ئۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئورۇقلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا، ھوشسىز ياتقان ھالىتىگە قاراپ ئاخىرى ئۆزۈمنى باسالماي يىغلاپ تاشلىدىم. ئۆزۈمنى ئەڭ چوڭ گۇناھكاردەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتىم. بۇ قوللار سوغۇق ۋە جانسىز ئىدى.

      — جېنىم دادا، سىز ئەسلى مېنىڭ دادام، مېنىڭ سۆيۈملۈك دادام...

      كاشكى، ئۇ مېنىڭ خىتابىمنى ئاڭلىيالىسا ئىدى...

(غۇلجا ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 - يىللىق 1 - سىنىپتا)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: قەلبىنۇر