باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

ئاغرىق توختىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى

      نونى شەربىتى تۈرلۈك ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. نونى شەربىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئاغرىق پەسەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر نونى شەربىتىدە تېخى بايقالمىغان تەركىبلەر بار، بۇ تەركىبلەر ئاغرىق توختىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

      يېڭى زېلاندىيەلىك ئالىم رېچارد دېكىس ئوغلى ئاغرىپ قالغاندا، ئوغلىغا نونى شەربىتىنى ئىچكۈزگەن. ئوغلى بىر مەزگىل نونى شەربىتى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاغرىق پۈتۈنلەي توختىغان. بۇنىڭدىن دېكىس نونى شەربىتىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنى تېزلىتىپ، ئاغرىق توختىتالايدىكەن، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئۇ: ‹‹بەدەننىڭ چېكىنىشى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ، نونى ماددىسى بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، بەدەننىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ›› دەپ قارىغان.

      ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى نونىنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۆسۈملۈكشۇناس جۇلىيا مورتون: ‹‹نونى شەربىتىنىڭ تەركىبىدە تېرپىن (烯萜)دېگەن ماددا بولۇپ، بۇ ماددا ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرىكىشى ۋە قايتىدىن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ›› دېگەن. چەفىك يۇناس: ‹‹نونى شەربىتىنىڭ ئاغرىق توختىتىش ۋە تىنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئاغرىقنى يېنىكلىتىدۇ›› دەپ ئېيتقان.

      نونى مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ئاغرىق توختىتىدىغان كۆپ خىل تەركىب بولۇپ، ئاغرىق توختىتىش رولى كۈچلۈك، خۇمار قىلمايدۇ، ئەكس تەسىرىمۇ يوق، بىخەتەر.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان