باش بەت | مەكتەپلەر

فۇجيەن ئۆلكىسى شيامىن شەھىرى جىمېي ئوتتۇرا مەكتىپى

      شيامىن شەھىرى ‹‹جىمېي›› ئوتتۇرا مەكتىپىنى ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار داھىيسى چېن جياگېڭ ئەپەندى 1918 - يىلى قۇرغان، بۇ، ‹‹ساداقەتمەنلىك››نى مەكتەپ تەربىيەسى قىلغان، تارىخى ئۇزاق، جۇڭگودىكى داڭلىق مەكتەپ. بۇ مەكتەپ شيامىن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان، گۆھەر ئارال تەيۋەن بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، تاغ، دېڭىز ئوراپ تۇرغان، تۆت پەسىل ياپيېشىللىق ئىچىدە تۇرىدىغان مۇھىتى گۈزەل مەكتەپ. مەكتەپنىڭ كۆلىمى 290 مىڭ كىۋادرات مېتىر، بۇ مەكتەپ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۆلكە بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ.

      مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئىلغار، نامايەندە خاراكتېرلىك چېن جياگېڭ بىناسى، ئىلىم - پەن بىناسى، ئۈستى يېپىق تەنتەربىيە سارىيى، تەنھەرىكەت مەيدانى، ئىچكىرى - تاشقىرى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى قاتارلىق ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق.

      بۇ مەكتەپ ‹‹داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلۇشى››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر يىلى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى جەلپ قىلدى، ھازىر بۇ مەكتەپتە 260دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچى بار، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، ئالىي ئوقۇتقۇچى 80 دىن ئاشىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىلىم يېتەكچىسى ۋە غوللۇق ئوقۇتقۇچى 30 دىن ئاشىدۇ.

      بۇ مەكتەپ 2005 - يىلىدىن باشلاپ فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى تۆت سىنىپتا شىنجاڭلىق 200غا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ سىنىپى خىزمەت بۆلۈمى قۇرۇپ، تەجرىبىسى مول ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. بۇ مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەردى، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇسۇل كۇرۇژۇكى، مىللىي مۇزىكا كۇرۇژۇكى، پۇتبول كوماندىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ بەردى. بۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئۇدا ئىككى يىل ‹‹شيامىن شەھىرى بويىچە ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى›› بولۇپ باھالاندى، ‹‹شيامىن شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت كوللېكتىپى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئۈمىد چولپىنى›› ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئۈمىدلىك كوللېكتىپ، مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان