باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

‹‹ئەترەت پائالىيىتى(دەرسلىكى)يېتەكچى پىروگراممىسى››نى يولغا قويۇپ، ئەترەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى(1)

        مۇھەررىر: جاۋ مۇئەللىم، ئۆتكەندە ‹‹ئەترەت پائالىيىتى(دەرسلىكى)نىڭ يېتەكچى پىروگراممىسى››نىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىگىنىڭىزدە تەربىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلھام ئالدى. كۆپچىلىك ئەترەت پائالىيىتى دەرسلىكىنىڭ قانداق ئاساسلىق مەزمۇنى بارلىقىنى بىلمەكچى، سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. جاۋ گوچاڭ: يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئەترەت پائالىيەت دەرسلىكىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئەترەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ تۆۋەندىكى تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەشكىلىي ئاڭ، سىياسىي ئويغىنىش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشى. بۇنىڭدىكى ھەربىر نۇقتا مول مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھەررىر: تەشكىلىي ئاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ سەۋەبى پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيە ئۆزى قۇرغان جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ئەترەت ئالدى بىلەن ھەربىر پىيونېرنىڭ تەشكىلىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ قارىشىم توغرىمۇ؟ جاۋ گوچاڭ: توغرا. تەشكىلىي ئاڭ پىيونېرلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئەترەت تەشكىلاتىغا بولغان تونۇشى، ھېسسىياتى ۋە پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ‹‹ئۈچ ھېس قىلىش››تا، يەنى پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلىنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇش ھېسسىياتى، پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلىنىڭ ئەزاسى بولغانلىق شەرەپ ھېسسىياتى، تەشكىلات ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭ تەشكىلاتى ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ. مۇھەررىر: ‹‹ئۈچ ھېس قىلىش›› ئارقىلىق تەشكىلىي ئاڭنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشنىڭ ئاسان، پىيونېرلاردا تەشكىلىي ئاڭ يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىۋالدۇق. جاۋ مۇئەللىم، قانداق قىلغاندا ‹‹ئۈچ ھېس قىلىش››نى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كونكرېت سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. جاۋ گوچاڭ: بىرىنچىدىن، تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى ئەترەت نىزامنامىسىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ئەترەتنىڭ خاراكتېرى، ئەترەت سالىمىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە، پارتىيە، ئىتتىپاق بىلەن ئەترەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىشكە يېتەكلەپ، پىيونېرلاردا تەشكىلنى تونۇش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، پىيونېرلارنى جانلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاۋانگارت ئەترەت، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇن، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ زاپاس قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىۋېلىشقا يېتەكلەپ، تەشكىلىي شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچىدىن، پىيونېرلارنى ئەترەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش، ئەترەتنىڭ قارارىغا بويسۇنۇش، ئەترەت تەشكىلى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا، ئەترەت ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى چۈشىنىشكە، ئەترەت پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇشقا، ئەترەت كىچىك كادىرلىرىنى توغرا چۈشىنىش ھەم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، تەشكىلىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

      مۇھەررىر: كىشىلەر دائىم ئۆسمۈرلۈك دەۋر ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ سىياسىي تونۇشى، ھېسسىياتى، پوزىتسىيەسى، يۆنىلىشى پەيدىنپەي شەكىللىنىدىغان مۇھىم دەۋر، دەپ قارايدۇ. ئەترەت تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئۆسمۈر – بالىلار ئۆزلۈكىدىن ئىنتىلىدىغان نىشانغا ئايلاندۇرالىغاندا بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي قىممەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

      جاۋ گوچاڭ: شۇنداق. كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر – بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەترەتنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ئويغىتىشى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ باسقۇچتا ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشنىڭ ئۆلچىمىنى مەكتەپ، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، بالىلارنى ئائىلىدە ياخشى بالا، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتتە ياخشى ئۆسمۈر؛ ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە، ئۆزىگە مەسئۇلىيەتچان ياخشى پۇقرا قىلىپ تەربىيەلەپ، توغرا سىياسىي قىممەت قاراش، مۇھىم ئىدىيەۋى ئاڭ شەكىللەندۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

      مۇھەررىر: پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندا سىياسىي جەھەتتىن ئويغىتىش تەربىيەسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيەچىلەر بۇ جەھەتتىكى تەربىيە مەزمۇنىنىڭ كۆپلۈكىنى ھېس قىلىدۇ، سىزنىڭچە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟

      جاۋ گوچاڭ: ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەترەتنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسىدە تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى پارتىيەنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ۋە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشقا؛ 90 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تاماملىغان ۋە قىلغان چوڭ ئىشلىرى، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك ۋەتەننى سۈيۈش تەربىيەسىدە تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرنى چۈشىنىشكە؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان جاپالىق مۇساپە، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك يولنى تاللىغانلىقىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىنى چۈشىنىشكە؛ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، دۆلەت شېئىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ سىمۋولىنى تونۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشقا، مەنىسىنى چۈشىنىشكە: ئورتاق بېيىيدىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئىچىدە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىدىن پەخىرلىنىپ، چىن قەلبىدىن ‹‹ۋەتەن ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى››نى ھېس قىلىپ، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.

      مۇھەررىر: پىيونېرلارنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى سۆيۈشنىڭمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئويغىتىش تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن، 56 مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىكە يېتەكلەش كېرەك.

      جاۋ گوچاڭ: سىياسىي ئويغىتىش تەربىيەسىدە تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى بەختلىك تۇرمۇشنى بىلىشكە، ئۆزى، ئائىلە، يۇرتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىدىن خۇشال بولۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا، پىيونېرلارنى جۇڭگو بىلەن دۇنيا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇ سىياسىي ئويغىتىش تەربىيەسىدىكى بىر بوشلۇق.

      مۇھەررىر: ئۆتكەن يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 17 – نۆۋەتلىك 6 – ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا، ئەترەت تەشكىلاتى پىيونېرلارنى ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەققانىي، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، مېھىر – شەپقەتلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاساسىي ئەخلاق – پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش بۇ تەلەپكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇمۇ دەل ‹‹ئاساسىي مەزمۇن››نىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنچى مەزمەندۇر.

      جاۋ گوچاڭ: پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەخلاق تونۇشى، ئەخلاق ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئەخلاق ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئەخلاق ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام خاراكتېر ۋە ئېسىل ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك. مەسىلەن، ئادىللىقنى سۆزلىگەندە ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىش بېجىرگەندە ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ياقىلاش؛ ئاق كۆڭۈللۈكنى سۆزلىگەندە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ۋاپادار بولۇپ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش؛ سەمىمىيلىكنى سۆزلىگەندە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش، دېگەن ئىكەن قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش؛ مېھىر – مۇھەببەتنى سۆزلىگەندە ھاياتىنى سۆيۈش، ھەمراھىنى سۆيۈش، پېشقەدەملەرنى سۆيۈش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش، ياخشى نەرسىدىن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىش؛ مەسئۇلىيەتنى سۆزلىگەندە ئەخلاق مەسئۇلىيىتىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئاقىۋەتنى ئۆستىگە ئېلىشتىن قورقماسلىق، سەۋەنلىك بولسا دەرھال تۈزىتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەرتىپكە رىئايە قىلىپ، قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇپ ياخشى ئۆرپ – ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك.

      مۇھەررىر: ئۆسمۈر – بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ئاساسىي ساپالارنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك، بۇ ساپالارنى ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىدىكى مەزمۇن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىساق بولامدۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئىلىم – پەن ئېڭى، ئەمگەك ئېڭىنى يېتىلدۈرگەندە شارائىتى بار جايلار يەنە گۈزەللىك ئېڭىنى يېتىلدۈرسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ‹‹پىروگرامما››دىكى ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مەزمۇنلاردۇر.

      مۇھەررىر: پىيونېرلارنى ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەشمۇ ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنمۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: ئەلۋەتتە. پىيونېرلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىيونېرلارنى روھىي ھالىتىنى ئۆزى تەڭشەشنى ئۆگىنىشكە، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىشكە، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قورقماي «مەنمۇ بوش كەلمەيمەن» ئىدىيەسىنى تىكلەشكە، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      مۇھەررىر: ‹‹پىروگرامما›› بۇ تۆت مۇھىم مەزمۇن ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى تەربىيەچىلەرگە قانداق ئۇچۇرلانى يەتكۈزىدۇ؟

      جاۋ گوچاڭ: ئاساس قاتلامدىكى تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت خىزمىتىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئاساس قاتلامدىكى تەربىيەچىلەرگە يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇچۇردۇر. مۇشۇنداق بولغاندا تەربىيەچىلەر خىزمىتى، ئاساس قاتلامدىكى ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بەلگىلىك ئاساسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ‹‹پىروگرامما›› مەزمۇن جەھەتتىن ئەترەت تەشكىلىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن، ئەترەت تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقى، تەرتىپلىك تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. پىيونېرلار ئەترىتى پىيونېرلارنىڭ پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتكە بولغان ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئىدىيەۋى ئاڭ، ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت ۋە ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا ياخشى ھەرىكەت ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپ ۋە مەزمۇنلارنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر