باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

سالام، سىردىشىم

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

 

      باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››غا توغرا كەلگەچكە مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە كىتاب ئىدى. ئاتا – ئانام دېھقان بولغاچقا ئۆيىمىزدىمۇ كىتاب يوق دېيەرلىك ئىدى. كونا يېزىقتىكى بىرنەچچە كىتابتىن باشقا ئۆزۈمنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئوقۇيتتىم. شۇ چاغلاردا ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ كونا يېزىقتىكى بىرنەچچە سانى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. گېزىتتىكى مەزمۇنلارنى چۈشەنمىسەممۇ ئۇنىڭغا سىزىلغان سەبىيلەرنىڭ ئوماق چىرايى ماڭا قايسىبىر تەڭتۈش دوستلىرىمنىڭ سېيماسىنى ئەسلەتتى. ‹‹بۇنىڭدا مۇشۇ رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك قانداق قىزىقارلىق مەزمۇنلار يېزىلغاندۇ؟›› دېگەن خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە كونا يېزىقنى ئۆگىنىپ گېزىتنى ئوقۇپ باقماقچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كونا يېزىقنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. گېزىتنى تېزرەك ئوقۇش ئىشتىياقىم بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا كونا يېزىقنى تېزلا ئۆگىنىپ گېزىتنى ئوقۇپ چىقتىم. دېگەندەك گېزىتتە مەن ئويلىغاندىنمۇ قىزىقارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. بۇ بىرنەچچە پارچە گېزىتنى قانچە قېتىم ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ گېزىتنىڭ چۆرىلىرى قىرچىلىپ، پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەندىلا ئاندىن ئۇنى ئاۋايلاپ قاتلاپ ساقلاپ قويدۇم.

      مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بۇ گېزىت قايتا نەشردىن چىقتى. بۇ مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئىدى. گېزىتنى تۇنجى قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا خۇددى ئۇزۇن يىللىق قەدىناس دوستۇمنى ئۇچراتقاندەك ئالەمچە شادلىققا چۆمدۈم. زور قىزىقىش، ھاياجان ئىچىدە نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭ رەڭدار رەسىملىك بەتلىرى، قىزىقارلىق ھېكايە، چۆچەكلىرى مېنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىپ چاڭقاق قەلبىمگە ئارامبەخش ئەتتى. مۇئەللىم بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن پات – پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقاندا قانچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن.

      مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن گېزىت يېتىپ كېلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. بۇ گېزىتنى ئوقۇغانسېرى قىزىقىپ قالدىم. بارا – بارا ئۇ سىردىشىمغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىكى بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ خىلمۇخىل ژانېردىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئىجادىيىتىمگە زوق، ئىلھام ئالسام، ‹‹ئەقىل ئىشلىتىڭ››، ‹‹پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى››، ‹‹ئاڭلىغانمۇسىز›› قاتارلىق سەھىپىلىرى بىلەن ئەقىل بۇلىقىمنى ئاچتىم. ‹‹تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر››، ‹‹كىچىك خىيالپەرەسلەر››، ‹‹جاھاننەما››، ‹‹يەتتە ئىقلىمدا››، ‹‹مەشھۇر شەخسلەر›› قاتارلىق مەزمۇنلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى يېڭىلىق ھەم كەشپىياتلاردىن خەۋەر تېپىپ، تەپەككۇرۇمنى قاناتلاندۇرۇپ يېڭى – يېڭى ئارزۇلار ئۈچۈن تىرىشتىم. ‹‹مۇشتەرىلەردىن خەت›› سەھىپىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تېخى نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشۇپ كېلەچەك ئۈچۈن قەلبىمگە گۈزەل ئارمانلارنى پۈكتۈم. كۈنلەر ئۆتكەنسىېرى ‹‹مېنىڭ ئەسەرلىرىممۇ گېزىتكە ئېلان قىلىنغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!›› دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەندە گېزىتكە ئەسەر ئەۋەتىپ بېقىش ئارزۇسى پەيدا بولدى. شۇ چاغدا گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ‹‹بۇ يەرگە قار ياغمىغانمىدۇ››، ‹‹99 نومۇر بەرىبىر 100 نومۇردىن كەم – دە››، ‹‹ئارزۇيۇم›› قاتارلىق شېئىر، خەۋەرلىرىم، شۇ چاغدىكى تاتلىق ھېسلىرىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

      ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. بالىلىقتىكى شۇ ئىشتىياقنىڭ تەسىرىدە بالىلار ئۈچۈن خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم. بالىلىق دەۋرىم بىلەن ئاللىقاچان خوشلىشىپ مېنىڭمۇ بالىلىرىم بولدى. شۇ چاغلاردىمۇ بالىلىرىم كۆتۈرۈپ كىرگەن گېزىتنى كۆرۈشكە شۇنچە تەشنا بولاتتىم. بىرەر پارچىنىمۇ قالدۇرماي كۆرەتتىم. گېزىتنىڭ سەھىپىلىرى بارغانسېرى رەڭدارلىشىپ، مەزمۇنى موللىشىۋاتاتتى. مەنمۇ بۇ دوستۇمغا پات – پات ئىجادىيەتلىرىمدىن سوۋغا سۇنۇپ تۇراتتىم. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ بالىلىرىممۇ ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۆيگە گېزىت ئەكەلمەيدىغان بولدى. دوستۇم بىلەن بىر مەزگىل سىردىشالماي بەكلا ئىچىم پۇشتى. ئاخىر گېزىتكە ئۆزۈم مۇشتەرى بولدۇم. ئۇنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كېلىمەن، ئۇنى شۇ چاغدىكىدەك زوق – شوخ بىلەن ئوقۇيمەن، بالىلىقتىكى تاتلىق، شادلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ.

      مانا، بۈگۈن بۇ سىرداش دوستۇم ئۆزىنىڭ 3000 سان نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى ئىزھار قىلىشىمغا پۇرسەت بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئۆز ئىسمىمنىڭ شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ كىچىك ئوقۇرمەنلەر قاتارىدىن تېخىچە ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىمدىن خۇرسەن بولدۇم.

ھەي سىرداش دوستۇم، 3000 سانلىق شانلىق مۇساپەڭگە مۇبارەك، سەن مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدىكى ئۆچمەس ئابىدە، ساڭا بولغان رىشتىم ئەبەدىي ئۈزۈلمەيدۇ، ئىككەيلەننىڭ ئوتلۇق پىچىرلاشلىرى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، ئۈنچىدەك تىزىلغان بەتلىرىڭدىن سەبىيلەر ئۈچۈن دەستە – دەستە گۈللەر تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلغاي، بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىرىڭدا تېخىمۇ بەرىكەتلىك، ئۆچمەس ئىزلار قالغاي، سەبىيلەر سەندىن چاڭقاق دىللىرىنى سۇغىرىپ كەلگۈسى ئۈچۈن يىمىرىلمەس ئۇل سالغاي!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر