باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مومامنىڭ قولى

ئارزۇگۈل ئالىمجان

      مەن مومامنىڭ بىر جۈپ قولىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. ئاشۇ قورۇق باسقان قوللارنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئىللىپ، تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈلىمەن.

      مومامنىڭ قولى مېنىڭ بالىلىق بۆشۈكۈم. مەن مومامنىڭ قېشىدا چوڭ بولغان. كىچىك ۋاقتىمدا دائىم مومامنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، مېنى كۆتۈرىسەن دەپ جېدەل قىلاتتىم. مومام ھەمىشە ئىللىق مېھرى بىلەن يۈزۈمنى بوشقىنە سىلاپ تۇرۇپ: ‹‹ئوماق قىزىم، بىردەم ھەدەڭ بىلەن ئويناپ تۇرغىن، مەن ساڭا تاماق ئېتىپ بېرەي›› دەيتتى. مەن كۆزۈمنى ئۈزمەستىن ئۇنىڭ قاچا – قۇچا يۇيۇشىغا، ئوت يېقىشىغا قاراپ تۇراتتىم. مومامنىڭ قولى تولىمۇ ئەپچىل ئىدى. ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ پۇتىغا ئولتۇرغۇزاتتى – دە، ئەپچىللىك بىلەن ئوتۇن پارچىسىنى ئېلىپ بىر قولىدا كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئوتنى چوخچىلايتتى.

      ياز كېچىسى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. مومام مېنى كۆتۈرۈپ ھويلىدا سالقىندىغاچ يىراق ئاسمان ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنلا ئاستا ياتقۇۇزۇپ قويۇپ، يېنىمدا ئولتۇرۇپ يىڭنە ئىش قىلاتتى.

      بالىلىق ئەسلىمىدە، مومامنىڭ قولى سېھرىگەرنىڭ تايىقىغىلا ئوخشايتتى. دائىم ئۇششاق پۇرۇچلاردىن ماڭا لاتا قونچاقلارنى تىكىپ بېرەتتى. قەغەزدىن كېمە ياساپ مەن بىلەن بىللە ئىشىك ئالدىدىكى كىچىك ئېرىقتا ئاققۇزاتتى.

      مومامنىڭ قوللىرىدىكى تال – تال قورۇقلار مېنىڭ يېتىلىشىمنىڭ يىل ھالقىلىرى ئىدى. مومام ئاشۇ قوللىرى بىلەن قەلبىمگە ئىز سالغان، ئاشۇ قوللىرى بىلەن ماڭا يىراق كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئاشۇ قوللىرى بىلەن بالىلىقىمغا رەڭ بەرگەن...

      مەن ھازىر چوڭ بولدۇم. لېكىن، مەن ئاشۇ بىر جۈپ قورۇق باسقان قولنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. ئۇ قول خۇددى تەرەپ كۆرسەتكۈچتەك نىشانىمنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

(غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: قەلبىنۇر