باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادا، ئاپا سىلەرگە ئېيتسام ...

 دىلزىبا تالىپ

      سىڭلىم دىلرەبا بەك ئوماق. ئۇنىڭ بىر جۈپ قارا كۆزى، ئويماقتەك ئېغىزى، دۈپدۈگىلەك يۈزى، چۈچۈك تىلى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. سىڭلىم بۇ يىل تۆت ياشقا كىردى. بالىلار باغچىسىنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سومكىسىنى ئېسىپ بالىلار باغچىسىغا بېرىشقا ئالدىرىسا، كەچتە قايتىپ كېلىپ مۇئەللىم ئۆگەتكەن سان ۋە خەنزۇچە ناخشىلارنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

      بەزىدە ‹‹سىڭلىم تۇغۇلمىسا بوپتىكەن›› دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى، دادام – ئاپام سىڭلىمغا زىيادە كۆيۈنگەچكىمۇ ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئىككىمىز جېدەللىشىپ قالساق ماڭا كايىپ: ‹‹قىزىم، سىز چوڭ، سىڭلىڭىزغا يول قويۇڭ›› دەيدۇ. سىڭلىم نەرسىلىرىمنى تالاشسا ئاپام نەرسەمنى دەرھال ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىدۇ. دادام ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئۇنىڭغا كەمپۈت، ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىدۇ. مەنمۇ تالاشسام دادام: ‹‹قىزىم، سىڭلىڭىز تېخى كىچىك. سىز چوڭ بولغاندىن كېيىن تالاشماڭ›› دەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. مەن ئاتا – ئانامنىڭ سىڭلىم ئىككىمىزنى ئوخشاش كۆرۈشىنى، سىڭلىمغا بەك يان بېسىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر