باش بەت | پىسخىكا

پىسخىك ساغلاملىقنىڭ بىر نەچچە خىل ئۆلچىمى

بېكمۇرات قىدىرخان

      1. ئۆزىنى چۈشىنىش. ئۆزىگە بولغان تولۇق تونۇش ۋە چۈشەنچە بولۇشى ھەم ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلىشى كېرەك.

      2. ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ تىكلەش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان، مەغلۇبىيەت ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان بولۇش، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى توغرا مۆلچەرلەشنى بىلىش كېرەك. 

      3. ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىش. مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن روھى ھالىتىنى ئىپادىلەشنى ھەم چەكلەشنى بىلىدىغان بولۇش كېرەك. 

      4. ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇش. ھەرىكەت بىلەن نىشان ئوتتۇرىسىدا يوچۇق كۆرۈلگەندە، ئۆزىنىڭ مۇھىت بىلەن ماسلىشالماسلىقتەك ناچار ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈم قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

      5. ئۆزىنى كۈچەيتىشنى بىلىش. تەجرىبە  ـ  ساۋاقلار ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، قابىلىيەت ھازىرلاش، ئۆز قابىلىيىتى ئاساسىدا كوللېكتىپ يول قويغان كۆلەمدە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

      6. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى پىلانلىيالايدىغان بولۇش. ئۆزىنىڭ تۇرمۇش نىشانى بولۇش، نىشان بىلەن قابىلىيەتتە پەرق بولماسلىق كېرەك.

(ئاپتور قورغاس ناھىيەسى 64 - تۇەندە)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر