باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

بارىكاللا مەدىنە

ئابلا كامال

      خېجىڭ ناھىيەلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› 5 – يىللىق 2 – سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى مەدىنە ئېلى ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالالىنىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتى، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۈلگىلىك پىيونېرلارنىڭ بىرى.

      ‹‹نېمە ئۈچۈن؟›› دېگەن سوئالنى قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان مەدىنە مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ دەرسلەرنى پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلىدى. كاللىسىدا ‹‹نېمە ئۈچۈن؟›› دېگەن سوئال تۇغۇلغان ھامان دادىللىق بىلەن قول كۆتۈرۈپ مۇئەللىمدىن سورىدى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلغاندىن سىرت ئەتىسى ئۆتۈلمەكچى بولغان يېڭى دەرسلەرنى ئالدىن كۆردى، تاپشۇرۇقلىرىنى مۇستەقىل ئىشلىدى.

      مەدىنە تىرىشچان ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ 1 – يىللىقتىلا ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، ئۈلگىسىگە ئايلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ ئۆگىنىش، ئىتتىپاقلىق، ئەمگەك، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممەيلەنگە ئۈلگە بولدى، قىيىنچىلىقى بارلاردىن ياردىمىنى ئايىمىدى، دەرستە يېتىشەلمىگەن ساۋاقداشلىرىغا تەكرار قىلىپ بەردى، ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى، سىنىپتا دوستلۇق ئورنىتىش، نۇتۇق سۆزلەش، ئۆزئارا يېتەكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ساۋاقداشلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بولغان ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى.

      مەدىنەنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ۋاڭ جۇلەن مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئوقۇغۇچىم مەدىنە دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ھەر دائىم قوشنا سىنىپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئۆگىنىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تۈرتكىسدە سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن ‹قول تۇتۇشۇش› دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى››.

      مەدىنە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چىرايلىق خەت يېزىش، نەق مەيداندا ماقالە يېزىش، ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم بىرىنچى، ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئۆگىنىش ئۈلگىسى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹ئەدەپ – ئەخلاقتا ياخشى ئوقۇغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› قاتارلىق ناملار بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇ 2011 – يىلى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ‹‹يېڭى پۇقرا لوڭقىسى››نى تالىشىش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىگە ئېرىشىپ ئانا مەكتىپىگە شان – شەرەپ كەلتۈردى.

سۈرەتتە: مەدىنە (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر