باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

پەزىلەت ھەققىدە

      1. پەزىلەت — چىنلىق، ھېسداشلىق ۋە سېخىيلقتىن ئىبارەت.

      2. كىشىلىك گۈزەللىكنى ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆلچەش كېرەك.

      3. مال – دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەڭگۈلۈك بولىدىغىنى ئىجادىيەت ۋە پەزىلەتتىن كېلىدىغان شان – شەرەپتۇر.

      4. ھەربىر ئىشىڭدا، سۆزۈڭدە توغرا بول، توغرا ئىشلە، توغرا سۆزلە، يالغانچىلىق ۋە ئەگرىلىكنىڭ ئەسىرى بولما.

      5. ئۆزىنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئالىي پەزىلەتتۇر.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر