باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رولى

      F1: ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كېرەك بولسا، F1نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ، F1نى باسسىڭىز Windowsقا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ھۈججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگراممىدا بولۇپ Windowsقا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كېرەك بولسا WinKey+F1نى باسىمىز.

      F2: ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۈججەت تاللانغان ھالەتتە ،F2نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۈججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

      F3: مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز، ھۈججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز ‹‹ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۈججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش›› كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

      F4: بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IEدىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4نى باسسىڭىز بولىدۇ.

      F5: بۇ كونۇپكا ئارقىلق IEدا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

      F6: تېز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IEنىڭ ئادرېس ستونىغا يۆتكەپ بېرىدۇ.

      F7: بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لېكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرىڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

      F8: كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دېسكا، ئوپتىك دېسكا ياكى قاتتىق دېسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOSقا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ).

      F9: بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق، بىراق Windows Media Playerدا تېز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

      F10: بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. Shinft+F10نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكى چىقىدۇ Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقىرىلىتىش رولى بار.

      F11: مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

      F12: بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق، لېكىن Wordتا مەزكۇر ھۈججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان