باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئامېرىكا ئاجايىپ ‹‹مەرۋايىت دانىلىق كۆممىقوناق››نى يېتىشتۈردى

      كۆممىقوناق دۇنيادا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان ئاشلىق زىرائىتىنىڭ بىرى بولۇپ، 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى شىركىتى يېقىندا بىر خىل غەيرىي كۆممىقوناق ئۇرۇقىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ھەرخىل رەڭدىكى مەرۋايىتتەك پارقىراق دانىلىق كۆممىقوناقنى تېرىپ ئۈندۈرگىلى بولىدىكەن.

      بۇنداق كۆممىقوناقنىڭ دانىسى رەڭگارەڭ بولۇپ، يېگىلى بولىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: شىركەتنىڭ ئۇرۇق مۇتەخەسسىسى گرېگ سچون بۇ كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى تاپقان. سچون يېقىندا ئوكلاھوما شتاتىدىكى چېروكى مىللىتىنىڭ 80 نەچچە ياشلىق بوۋاينى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن بۇ ئاجايىپ كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ئالغان.

      بۇ كۆممىقوناقنىڭ دانىسى رەڭلىك كەمپۈتكە ئوخشايدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كۆممىقوناق يېيىشنى خالىمايدىغان بالىلارنى جەلب قىلىشى مۇمكىن. بۇ شىركەت Facebook تورىدا بۇ خىل كۆممىقوناققا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئامما بۇ زىرائەتكە بەكلا قىزىققان، ھەم بۇ شىركەتنىڭ تور بېكىتى زىيارەت قىلىدىغان ئابونىتلار سانىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بىر مەزگىل پالەچ بولۇپ قالغان.

      ئەپسۇسكى بۇ شىركەتنىڭ خادىمى: ئۇرۇقنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن، ھازىر بۇ خىل كۆممىقوناقنى بازارغا سالغىلى بولمايدۇ دېدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان